تاغ جىلغىسىغا كىرسىڭىز، كۆك ئاسمان ۋە يېشىل ئوت-چۆپلەردىن باشقا، كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدىغىنى ھالرەڭ، يۇمران، جەلپكار چېچەك دېڭىزىدۇر. 30 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ياۋا ئۆرۈك چېچىكى بىرلا ۋاقىتتا پورەكلەپ ئېچىلىپ، نازۇك ئۆرۈك چېچىكى تېخىمۇ كۆركەم تۈسكە كىرگەنىدى. بۇنداق گۈزەل مەنزىرە پەقەت 4-ئايدىكى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىغا تەۋە. شىنجاڭ ئىلىدىكى كۈنەس ناھىيەسى تۈرگېن يېزىسىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدا، يىلدا بىر قېتىم ئۆرۈك چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىپ كاتتا مەنزىرە نامايان بولىدۇ، چېچەكلەش مەزگىلى 15 كۈن ئەتراپىدا. ئەگەر قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، پەقەت كېلەر يىلىنى ساقلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. (جياڭ يۈنلۇڭ، شاۋ جياڭتاۋ فوتوسى، خەۋىرى)




