تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى 2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىردى

ساۋما قىلىپ مەخسۇس تېمىنى كۆرۈڭ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ قەشقەر مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى تاللاندى.

مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسى مورا كەنتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تۈز سىزىق ئارىلىقى تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر بىر يۇمىلاق شەكىللىك، بىر چاسا شەكىللىك ئىككى بۇددا مۇنارى بار، ئۇ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئەڭ ياخشى ساقلانغان توپا قۇرۇلمىلىق بۇددا مۇنارى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى چوڭ تىپتىكى يەر يۈزى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ئۇنىڭدا بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى شىنجاڭ رايونىدا تارقىلىش ۋە كەڭ ئومۇملىشىش جەريانى تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ يەردىن بايقالغان بۇددا دىنى سەنئىتى مىراسلىرىمۇ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، سىغدۇرۇشچان، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئارخېئولوگىيەلىك يىل تارىخىنى ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، مورا ئىبادەتخانىسى مىلادىيە 1 - ئەسىردە قۇرۇلغان، كېيىن ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، تاكى مىلادىيە 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، غەرب «ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى» شىنجاڭدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تەرەپ - تەرەپتىن پاراكەندىچىلىك سالغاندا ئۇنى بايقىغان، مۇھىم بايقاش بولمىغاچقا، پەقەت ئاددىي خاتىرىلەپلا قويغان.

2019 - يىلى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارخېئولوگىيەلىك قازدى، شۇ يىلى، خارابىلىكنى قېزىش خىزمىتى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» مۇھىم تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

ئالتە يىلغا يېقىن قېزىش داۋامىدا، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئىككى بۇددا مۇنارىنىڭ مۇنار ئۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، راھىبلار ئۆيى، كارىدور شەكىللىك بۇتخانا، تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بۇتخانا، نوم سۆزلەش دەرسخانىسى، ئاشخانا قاتارلىق 18 يەككە ئىمارەتتىكى جەمئىي 62 ئۆيدىن تەركىب تاپقان زىچ ئىمارەت توپى خارابىسى ئىزلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېنىقلاپ چىقتى. 2024 - يىلىدىكى قېزىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئارخېئولوگلار يۇمىلاق مۇنارنى ئەينى چاغدىكى ئىبادەتخانىدىكى يادرولۇق ئورۇن بولۇشى، كېيىن ئىبادەتخانىدىكى راھىبلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىبادەتخانا كېڭەيتىپ قۇرۇلغاچقا، يان تەرەپتىكى چاسا مۇنار ھەم ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ يانداش ئەسلىھەلەر سېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھۆكۈم قىلدى.

«نۆۋەتتىكى قېزىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل ساقلانغان، ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرىنىڭ تۈرى بىرقەدەر تولۇق، تارىخىي دەۋرى بىرقەدەر بالدۇر ھەم داۋاملاشقان ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق. 2024 - يىلىدىكى قېزىش بىزنى بۇددا دىنى دەسلەپتە جۇڭگوغا تارقالغاندىن كېيىن دىنىي سورۇنلارنىڭ قانداق قۇرۇپ چىقىلغانلىقى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى شياۋ شياۋيۇڭ.

مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈرى مول، بولۇپمۇ سانى غايەت زور ھەم ئۇسلۇبى ھەر خىل بولغان بۇت پارچىلىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيا، جيەنتولو، شۇ جاي ھەمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان، خارابىلىكتىن يەنە ساپال، ياغاچ، مىس، تاش، سۆڭەك، پاختا، چىگە، يىپەك قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان يادىكارلىقلار ھەمدە جيەنلۇن ۋۇجۇ يارمىقى، كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى قاتارلىق پۇللار قېزىۋېلىنغان.

2024 - يىلى، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن يېڭىدىن بىر كاھىشنى بايقىغان، كاھىش ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئىمارەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ، ئەينى چاغدىكى مورا ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى تونۇشنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. «تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، ۋۇ زېتيەن قۇرغان جوۋ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىلگىرى غەربىي يۇرتتىكى شۇلې بازىرىدا دايۈن ئىبادەتخانىسى سېلىنغان، لېكىن ھازىر بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قەيەردىلىكى نامەلۇم. بۇ كاھىش بىزنىڭ مورا ئىبادەتخانىسى ئىلگىرى مەركىزىي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن سالدۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى، دەپ ھۆكۈم قىلىشىمىزنى مۇھىم ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئەينى چاغدا مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېدى شياۋ شياۋيۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.