
4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر كورلا شەھىرىنىڭ قوشئېرىق يېزىسىدىكى شادلىق ئېكىنزارلىقىدا تام رەسىمىنى تاماشا قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، رەڭدار، جانلىق، ئوبرازلىق تام رەسىملىرى كەنت ئاھالىلىرىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى
4-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ قوشئېرىق يېزىسىدىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرغان تۈر − شادلىققا تولغان سەھرا تېمىسىدىكى يېڭىلا ئىجاد قىلىنىپ تاماملانغان 500 كىۋادرات مېتىرلىق تام رەسىملىرى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ھەربىر پارچە تام رەسىمى رەڭلەر يارقىن، تەسىرلىك، باش تېمىسى كۆپ خىل بولۇپ، ھازىرقى داڭق چىقارغان نېجا ئوبرازى قاتارلىق ئامىللار ھەمدە شېئىرىي تۈسكە تولغان يېزا-كەنت مەنزىرىسى يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزگىچە يېزا-كەنت سەنئەت مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، كىشىنى قايىل قىلىدىغان بۇ تام رەسىملىرىنى كورلا شەھىرىدىكى 90-يىللاردا تۇغۇلغان قىز لېي شۆ ۋە ئۇنىڭ بەش كىشىلىك كوللېكتىپى سىزىغان، ئۇلار تەكلىپ بىلەن گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، 15 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھەربىر ئىنچىكە ھالقىنى كۆڭۈل قويۇپ چىقىرىپ، قەلبىدىكى سەنئەت تەسەۋۋۇرىنى كۆز ئالدىدىكى كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتىگە ئايلاندۇرغان.
قوشئېرىق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خۇاڭ جىنزى مۇنداق دېدى: گۈزەل، كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان بۇ تام رەسىملىرى يېزىمىزغا يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كېلىپ، يېزا-كەنت مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنت مەدەنىيىتىگە ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، يېزا-كەنت خاس ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.