تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«1-ماي»لىق دەم ئېلىشتا خوتەنگە بېرىپ بەھۇزۇر ساياھەت قىلىڭ، A دەرىجىلىك بۇ 41 مەنزىرە رايونىدا كىرىش بېلىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ!

    «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خوتەن ۋىلايىتى كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ! نۇرغۇن A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا كىرىش بېلىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ ھەم سىزنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. خوتەندە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى داڭلىق جايلار، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەبىئىي مەنزىرىلەر بار.

    4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى (8)

    شىنجاڭ كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونى

    3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى (21)

كېرىيە ناھىيەسى دەريابويى مەنزىرە رايونى

    2A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى (12)

    چىرا ناھىيەسى شاخەييۈ كۆلى مەنزىرە رايونى

    يېپيېڭى تۈسكە كىرگەن خوتەن تۇەنچېڭغا كەلسىڭىز، ئۆزگىچە تۇرالغۇلار بىلەن قول ھۈنەر-سەنئىتى بۇيۇملىرى دۇكىنى رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، قويۇق خەلق ئۆرپ-ئادىتى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ؛ قاراقاش كونا شەھىرىنى سەيلە قىلغاندا، تارىخ بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان ئۆزگىچە جەلپكارلىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونىغا بارسىڭىز، ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى ۋە گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز. بۇنىڭدىن باشقا، «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەر قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىدا خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئويۇنلىرى، خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش تەسىراتى، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېسىل مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، سىزگە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلدۇرىدۇ!

    خوتەن شەھىرى تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونى

    قاراقاش كونا شەھەر مەنزىرە رايونى

    ساياھەتچىلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسنى چۈشىنەلەيدۇ، خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىپ، خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ.

(خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.