يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى(ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى)دا ئەر سېسترالار خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
ھازىر، بۇ دوختۇرخانىدا 37 ئەر سېسترا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى، ئوپېراتسىيە بۆلۈمى قاتارلىق يۇقىرى سىجىللىق، يۇقىرى بېسىم، خەتىرى يۇقىرى بۆلۈملەردە خىزمەت قىلىپ، ئەرلەرگە خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دوختۇرخانا پەرۋىش قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، ئېغىر كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالاھىدە توپتىكى ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ گۇرۇپپا ئىلمىي ئالماشتۇرۇش، ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئەر سېسترالارنىڭ كەسىپنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە كەسپىي قىممەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەر سېسترالارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەر سېستىرالارنىڭ ئېغىر كېسەللەر، جىددىي داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەرلەرنى پەرۋىش قوشۇنىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ دوختۇرخانا پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن چىڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: ئەر سېسترالار خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەر سېسترالارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەرۋىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، پەرۋىش بىلىملىرى لېكسىيەسى، پەرۋىش تەجرىبىسىنى ھەمبەھرىلەش يىغىنى قاتارلىقلارنى قەرەللىك تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ پەرۋىش سۈپىتى ۋە كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ئەنئەنىۋى پەرۋىش تەربىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، دوختۇرخانىمىز تەشكىللىگەن ئەر سېسترالارنى تەربىيەلەشتە ئاساسىي پەرۋىش مەزمۇنى ئاساسىدا، بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى، ئۆز پىسخىكىسىنى تەڭشەش، ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش ئالاقە ماھارىتى ھەم كەسپىي ئىشەنچنى قانداق تۇرغۇزۇش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلىدۇ. ئەر سېستىرالارنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكىدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پەرۋىش كوللېكتىپى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى