تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاقسۇ، ھەقىقەتەن قالتىس!

    قارلىق تاغ دەريا-ئېقىنلارنى ئۇلغايتتى، دەريا-ئېقىنلار بوستانلىقلارنى كۆكەرتتى، تىيانشان تېغى بىلەن قۇملۇق ئارىسىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى پارلاق ھەم چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، جۇغراپىيە ۋە تارىخنىڭ كۆپ ئۆلچىمى جەھەتتە سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

    4-قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ 2-باسقۇچىدا، مۇھەررىر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە ئەگىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، كۆپچىلىككە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن تارىخى چوڭقۇر، تەتقىقاي-ئۆگىنىشكە ماس كېلىدىغان، بىلىم نۇقتىلىرى تولۇق ۋە ھەر خىل خارابىلىكلەر بار بولغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنى «قېزىپ» چىقىدۇ.

«تۆتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» ئەترىتىگە ئەگىشىپ ئاقسۇنى ئايلىنىپ باقايلى، يۈرۈڭلار!


1. كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىك مۇزېيى

  كۇچا شەھىرىنىڭ دوستلۇق يولىغا جايلاشقان كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى ۋېي، جىن، 16 بەگلىك دەۋرىدىكى قەبرىلەرنىڭ ئەسلىي ئورنىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىي ئورنىنى قوغداش ئاساسىدا، ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايان قىلىنغان.

  مۇزېيدا بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان، خىشتىن ياسالغان 15 قەبرە كۆرگەزمە قىلىنغان، «ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر + رەقەملىشىش» كۆرگەزمە رايونى، گولوگرافىك تىياتىرخانا، كۈسەن مەدەنىيەت ئىجادىيەت رايونى، VR ھېس قىلىش رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەرگە ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەبرىلەرنىڭ ئۆلچىمى، شەكلى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  مۇزېيغا كىرگەندە، ھەربىر مۇھىم نۇقتىغا گولوگرافىك تىياتىرخانا تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز، سىز بۇ يەردە تۇرۇپ، كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىلگىرىكى قېزىش جەريانىنى ھەر تەرەپلىمە، چۆكمە ھالەتتە كۆرەلەيسىز، ھېس قىلالايسىز.


2. قىزىلقاغا تۇرى

  كۇچا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدا ھەيۋەتلىك قىزىلقاغا تۇرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ نۆۋەتتە شىنجاڭ تەۋەسىدە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، دەۋرى ئەڭ ئۇزاق تۇر بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  ئۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېرىق توپىدىن ياسالغان، تېگى شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر، ئېگىزلىكى 13 مېتىر كېلىدۇ، 2000 يىلدىن ئارتۇق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

3. سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى

  سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى كۇچا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، مىلادى 3-ئەسىردە ياسالغان، شىنجاڭدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بۇددا دىنى ئىمارەتلەر توپى خارابىسى، ئاساسلىقى كۇچا دەرياسىنىڭ شەرقىي، غەربىي قىرغىقىدىكى ئىككى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىرى توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تارقىلىش كۆلىمى تەخمىنەن 20 گېكتار كېلىدۇ.

  1996-يىلى گوۋۇيۈەن سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى 4-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى دەپ ئېلان قىلدى. 2014-يىلى بۇ خارابىلىك «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

4. قىزىل مىڭئۆي

    قىزىل مىڭئۆي باي ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۇ كۈسەن مىڭئۆيلىرى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قېزىلغان دەۋرى ئەڭ بالدۇر، ساقلانغان تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ مىڭئۆي توپى بولۇپ، كۈسەن مىڭئۆيىنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

    قىزىل مىڭئۆيدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئۆڭكۈرنىڭ ئومۇمىي سانى 349، تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى 4000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن. بولۇپمۇ 17-نومۇرلۇق ئۆڭكۈرنىڭ «ھېكايىلىك رەسىملەرنىڭ تاجىسى» دېگەن نامى بار، 38 پارچە بۇنزېن ھېكايە رەسىمى دەل بۇ ئاساسىي ھۇجرىنىڭ ئەگمە تورۇسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئەگمە ئىچىگە سىزىلغان. (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، تاش ئۆڭكۈردە سۈرەتكە تارتىش مەنئى قىلىنىدۇ)

5. ليۇ پىڭگونىڭ چېگرا قورۇلىنى باشقۇرغانلىق قىيا تاش ئويما ئىزى خارابىسى

  1800 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىنى ساقلاۋاتقان شەرقىي خەن سۇلالىسى گېنېرالى تاغ تېمىغا 100 نەچچە خەت ئويۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى جانلىق خاتىرىلىگەن.

  ليۇ پىڭگونىڭ چېگرا قورۇلىنى باشقۇرغانلىق قىيا تاش ئويما ئىزى خارابىسى باي ناھىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسى قاراتاغ ئېتىكىدىكى بوزكىرگى جىلغىسى ئېغىزىدا بولۇپ، قىزىل دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان بوزكىرگى دەرياسىنىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ.

6. تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىسى

  توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسىنىڭ تۇڭگۇزباش كەنتىدە، خارابىلىككە ئايلانغان قەدىمىي شەھەر يۇلغۇنلار ئارىسىدا مىڭ يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

  تاڭ نۇرى ئالتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى خاڭدالغان سېپىل، ئالىچىپار كېسەك ئارىسىدىن ئۆتكەندە، كىشىگە خۇددى ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ جاراڭلىق ئاۋازىنى ئېلىپ كەلگەندەك تەسىر بېرىدۇ، بۇ يەر ئىلگىرى يىپەك يولىنىڭ بوغۇزىنى ساقلاۋاتقان ھەربىي ئىشلار مۇھىم بازىرى بولۇپ، «توققۇز شەھەرنىڭ بېشى» دەپ ئاتالغان تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدۇر.

 ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ھازىر يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 673ى بار، ئۇلار قەدىمكى دەۋردىكى شەھەر ئورنى، قەدىمىي قەبرە، قەدىمىي ئىمارەت، بۇددا خارابىلىكى، مىڭئۆي ئىبادەتخانىسى، تاش ئويما، تام رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 18ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 113ى بار، قىزىل مىڭ ئۆي، قىزىلقاغا تۇرى، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى «يىپەك يولى-تىيانشان كارىدورىنىڭ يول تورى» بىلەن بىللە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

 ئىنچىكە ئىزدەنگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرنى دۇنيا تەبىئەت ۋە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە «قوش مەرۋايىت شەھىرى» دەپ ئاتىغانلىقىنى، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى چۈشەندىم.

«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.