شۇنداق!
تۇرپاننىڭ ئۈجمىسى پىشتى
ئەمدى ئۈزسىڭىز بولىدۇ، تېز كېلىڭ

ھەر يىلى قىزىلكوس مەۋسۇمىدىن كېيىن
4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە
تۇرپان شەھىرىدە ئۈجمە پىشىش مەزگىلىگە كىرىدۇ
2025-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈجمە ئۈزۈش مەزگىلى
تۈزلەڭلىكلەردە 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە
تېيىز تاغلىق رايونلاردا 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولىدۇ

يېقىنقى مەزگىلدىكى مېتېئورولوگىيە شارائىتىدىن ئومۇمىي بايان:
ئىدىقۇت رايونى، پىچان ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 23.3 سېلسىيە گىرادۇس، 19.4 سېلسىيە گىرادۇس، 21.9 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 2.3 سېلسىيە گىرادۇس، 1.8 سېلسىيە گىرادۇس، 1.5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 33.9 سېلسىيە گىرادۇس، 30.9 سېلسىيە گىرادۇس ۋە 34.7 سېلسىيە گىرادۇس؛ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 15.5 سېلسىيە گىرادۇس، 10.5 سېلسىيە گىرادۇس، 12.3 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن.

ئۈجمە ئۆستۈرۈش رايونلىرىنىڭ تارقىلىشى
ئۈجمە تۇرپان شەھىرىدىكى ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان مېۋە، نۆۋەتتە ئىدىقۇت رايونىدىكى ئۈجمە ئۆستۈرۈش رايونى ئاساسلىقى ئاستانە يېزىسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئۈجمە باغچىسى، سۇڭفېڭ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ شەرقىدىكى G30 دۆلەت يولىنىڭ ئىككى تەرىپى، يالقۇنتاغ ئەتراپىدىكى يېزا-بازارلار، يۇلغۇنساي باغۋەنچىلىك مەيدانى ۋە چىچان بازىرىغا تارقالغان، توقسۇن ناھىيەسىدىكىسى تۇرپان-توقسۇن تېز لىنىيەسى توقسۇن بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپى، غولبويى يېزىسىغا جايلاشقان، پىچان ناھىيەسىدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئىدىقۇت رايونى ۋە توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىدىن كىچىك.
ئۈجمە ئۈزۈش رايونىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك كىلىمات ئالاھىدىلىكى ھەم كېيىنكى مەزگىللىك كىلىماتىدىن ئالدىن مۆلچەر
مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلى تۇرپان ئويمانلىقىدا ئۈجمە ئۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە يېقىنلاشقان، 2024-يىلىدىن سەل كېيىن بولغان، يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبى يالقۇنتاغنىڭ شىمالىدىن بالدۇر، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ تېيىز تاغلىق رايونلاردىن بالدۇر بولۇپ، ئۈجمە ئۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئىكەن، كونكرېت ئەڭ ياخشى ئۈزۈش نۇقتىسى ھەم ئۈزۈش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
تۇرپان شەھىرىدىكى ئۈجمە ئۈزۈش نۇقتىسى


ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا، مەيىن شامال يۈزنى سىپاپ ئۆتىدۇ
يازدا بىر نەچچە تال يېڭى ھەم تاتلىق ئۈجمە يېيىش ئۈچۈن
ياخشى كۆرىدىغىنىمىز جەريان، ئۈزىدىغىنىمىز خۇشال كەيپىيات
دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇرپانغا كېلىپ
ئۈجمە دەرىخى تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تويغىچە يەپ
كىچىك ۋاقتىمىزدىكى تەمنى ئەسلەيلى
«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى