4-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا قونۇشقا تەييارلانماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، كەچكى شەپەق نۇرى ئۇپۇقنى قىزارتتى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى رەڭدار تۈسكە كىرىپ، خۇددى سامانيولىدەك كېچە ئاسمىنىنى بېزىدى. شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئىللىق نۇردا زامانىۋىلىقنى نامايان قىلغانىدى، قوش ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ يول باشلاش چىرىغى خۇددى ئېقىپ چۈشكەن سامانيولىدەك كۆرۈنەتتى، ئايروپىلان كۈمۈش قانىتىنى كېرىپ ئۇپۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئەگرى ئۆگزە ۋە ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ يۇلتۇزلاردەك يالتىراپ تۇرغان چىراغلىرى بىلەن گىرەلىشىپ «پەلەك شوتىسى»نى ھاسىل قىلدى. ئۇچۇش يولىدىكى چىراغلار تۈن پەردىسىدە نۇر زەنجىرى ھاسىل قىلىپ، زامان-ماكاندىن ھالقىغان بوشلۇقتىكى يىپەك يولىنى تۇتاشتۇردى.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا سىلىق قوندى.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، تۈگۈننىڭ ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كېچىلىك قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىدا تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان قوش ئۇچۇش-قونۇش يولى سىستېمىسىغا ئىلغار بولغان ئۇچۇشقا ياردەم بېرىدىغان چىراغ نۇرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن ھاۋارايىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا پۈتۈن ۋاقىت بۆلىكىدە ئۇچۇش-قونۇشقا ھەمدەم بولغىلى بولىدۇ. يەر يۈزى مۇلازىمەت ئەترىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سىيرىلىپ ئۇچۇشى، توختىشىغا توغرا قوماندانلىق قىلىپ، كېچىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى سامانيولى ئوربىتسىغا راۋان يېتەكلىدى. بوشلۇقتىن شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىغا نەزەر سالغاندا، كۈمۈش رەڭلىك پولات بۈركۈت نۇر ئوربىتىدىن تۇتاشتۇرۇلغان يولدا ئۇچۇپ، قونۇپ، خۇددى كەلگۈسى نامايان قىلىنغان ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك قىلاتتى.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىدىن ئۇچماقتا.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا سىلىق قوندى.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى.
ئالتە يىل جاپالىق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، غەربىي شىمال ئايروپورتىدا كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان يۇلتۇزلار بارلىققا كەلدى. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا، شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى 500 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى، قوش ئۇچۇش-قونۇش يولى يۈرۈش ئەندىزىسى، 177 كارىدور-كۆۋرۈك ئايروپىلان ئورنى ۋە ئاقىل قاتناش تۈگۈنى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. يىللىق يولۇچى كاپالەت ئىقتىدارى 48 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، A380 قاتارلىق F تۈرىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ تولۇق ئۇچۇش-قونۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئىقتىدارىدا ماھىيەتلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى بۇ ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى يۇلتۇزلار دەرياسىنى لىباس، ئەقىل-پاراسەتنى قانات قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى كولدۇرمىلارنىڭ يېقىملىق ئايروپورت داستانىنى پۈتۈپ چىققۇسى.