شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى(قىزىلسۇ ئوبلاستى) ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ
ئۇزاق پۇتبول تارىخى ۋە قويۇق پۇتبول كەيپىياتىغا ئىگە
«ئايىقى چىقسىلا پۇتبول تېپەلەيدىغان بولۇش» بۇ يەردىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ پۇتبول كارتىنىسىدۇر

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ياقاباغ كەنتىدە، پۇتبول ئويناپ بولغان كىچىك دوستلار كەنت يولىدا كېتىۋاتماقتا(4-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئىكىساق كەنتىدىكى پۇتبول تېمىسىدىكى ھەيكەل(4-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).
19-ئەسىردىلا پۇتبول بۇ يەرگە تارقالغان
«ئىكىساق 100 يىللىق پۇتبول مۇزېيى»دا شۇ جاينىڭ
پۇتبول تەرەققىيات تارىخى خاتىرىلەنگەن

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىكى «ئىكىساق 100 يىللىق پۇتبول مۇزېيى»دىكى كۆرگەزمە بۇيۇمى − شۇ جايدىكى ئەنەنىۋى پۇتبول «تۇماق» توپ(4-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).

ھازىر قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 377 پۇتبول مەيدانى بار
مەملىكەت بويىچە مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىدىن 27سى بار
پۇتبول كۇلۇبىدىن 11ى بار
1200دىن ئارتۇق رويخەتكە ئېلىنغان پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بار

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مەشىقتىن كېيىن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە(4-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مەشىق قىلماقتا(4-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى كۇنشەن يۈسەي مەكتىپىدە، شۇ جايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول كوماندىسى دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكتە( 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).
پۇتبول قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت بەلگىسى
بۇ يەردە ھەممىلا يەردە پۇتبول ئېلېمېنتى مەنزىرىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ
پۇتبول نام كارتىسى قىزىلسۇ ئوبلاستنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
4-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى
بۇ مەزگىلدە يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر كۆرىكى، شياگۇاڭ ساياھەت پەسلى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ
ساياھەتچىلەر ئۈچۈن پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈش، ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھوزۇرلىنىش، مەنزىرىلەرنى سەيلە قىلىشتەك ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ

2025-يىللىق شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، شۇ جايدىكى ياشانغانلار، ياشلار ۋە بالىلار كوللېكتىپى ۋەكىللىرى ئورۇنلىغان نۇمۇر «پۇتبولغا ئۈچ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش» (4-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

2025-يىللىق شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دۆلەت ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق توپچىسى سۈن ۋېن(ئالدى رەت ئوتتۇرىدا) ئاتۇش شەھەرلىك U13 ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە(4-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى كوچىسىدا بىر ياش-ئۆسمۈر پۇتبول ئوينىماقتا(4-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان).
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى