مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىچىدە ساياھەتكە چىققانلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2025-يىلى 1-پەسىلدە، دۆلەت ئىچىدە ساياھەتكە چىققانلار 1 مىليارد 794 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 375 مىليون ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىدىن دۆلەت ئىچىدە ساياھەتكە چىققانلار 1 مىليارد 318 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.4 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىدىن دۆلەت ئىچىدە ساياھەتكە چىققانلار 476 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.2 ئاشقان.
2025-يىلى 1-پەسىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئومۇمىي خىراجىتى 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 280 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىش خىراجىتى 1 تىرىليون 480 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىش خىراجىتى 320 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.6 ئاشقان.
(مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جېڭ ۋېيۋېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى