تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

2025 ـ يىلى 1 ـ قارارلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» باش تېما قىلىنغان 2025 ـ يىلى 1 ـ قارارلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. نىزام چىقىرىشنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى تولۇق تونۇپ، دىققەتنى ئىسلاھاتنىڭ تەقەززاسى، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلامچى خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە نىزام چىقىرىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكلىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، پونكىتى»نى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەلەپ قىلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەيداندا مەزمۇت تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي جەھەتتە سەگەك ئادەم بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن ـ نىزاملارنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيەتنى توغرا ئادا قىلىش كېرەك. ئىنتىزام، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ تۆت قارار مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.