تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 ـ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشتى

1 ـ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 108 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 95 مىليارد 170 مىليون يۈەن، ئىمپورت قىممىتى 12 مىليارد 990 مىليون يۈەن بولغان. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم يۈرۈشۈپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بۇ يىل تاشقى سودىنىڭ چېگىش، مۇرەككەپ بولغان ئىچكى ـ تاشقى تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، شىنجاڭ پائال تەدبىر قوللىنىپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى باشلامچى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يېتەكچىلىك رولى تولۇق نامايان بولدى. 1 ـ پەسىلدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى 1 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 25 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.7، %33، %18.9 ئاشتى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى − شىنجاڭدىكى ئاساسلىق سودا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بازارلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نورماللاشقان، قىسمەن يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار يېڭى ئېشىشنى كۈتۈۋالغان.

1 ـ پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئىككى چوڭ سودا بازىرى، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %52.7، %13.2ىنى ئىگىلىدى. ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.9، %88.3، %108.8 %75.5 ئېشىپ، جەمئىي ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.1 بولدى. بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئەنئەنىۋى بازارلىرىنىڭ شىنجاڭ تاشقى سودىسىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ جارى قىلدۇرۇلغانلىقى، ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار كۆلىمىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاساسلىق بازارلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرىنچى چوڭ تاشقى سودا تىجارەت سۇبيېكتىلىق ئورنىدا مۇقىم تۇرماقتا. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكىسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %94.7 بولدى. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشتى.

شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئەۋزەل ئېكسپورت تاۋارلىرى مەركەزلىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق ـ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت ئۈلۈشى ئېشىپ، ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. 1 ـ پەسىلدە ماشىنىسازلىق ـ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.5 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %39.6 بولدى.

1 ـ پەسىلدە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشىدا مۇھىم يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇردى. شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى جەمئىي 40 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %37.5 بولدى.

شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆرلەپ، شىنجاڭدىكى بىرىنچى چوڭ سودا شەكلىگە ئايلاندى، ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.7 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %50.9 بولۇپ، پۈتكۈل تاشقى سودىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىدا يۈكسىلىش بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى شەكلىدىكى ئىمپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %136.6 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.