4-ئايدا، باھار شامىلىنىڭ يەلپۈشى بىلەن
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە
4000 مودىن ئارتۇق يەردىكى تاشئالمىلار ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلەپ
بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى چېچەك سەيلىسى پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا
بۇ دەل چېچەك سەيلىسى قىلىشنىڭ ياخشى پەيتىدۇر!

ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزلۇق تەشۋىقاتى
قۇتۇبى ناھىيەسى 8-نۆۋەتلىك تاشئالما چېچىكى پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى
4-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىدۇ
ھەر خىل رەڭدىكى گۈل-چېچەكلەرنى قانغۇچە تاماشا قىلالايسىز
مودا ئويۇنلار پائالىيىتى ئارقا-ئارقىدىن قويۇلىدۇ
ئۇقتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ!
ئىلگىرىكى نۆۋەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ئاساسىدا، بۇ نۆۋەتلىك تاشئالما چېچىكى پەسلىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر شەكىلدىن مەزمۇنغىچە ھەممە جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاندى ۋە كېڭەيتىلدى. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ تاشئالمىدىكى سەنئەت پۇرىقى، تاشئالمىلىقتا بەھۇزۇر يۈگۈرۈش، تاشئالمىلىقتىكى چاي ھىدى، تاشئالمىغا بېغىشلىما، تاشئالمىنىڭ خۇش ھىدىدىن ھۇزۇرلىنىش ۋە تاشئالمىغا مۇھەببەت قاتارلىق ئالتە چوڭ باش تېمىلىق پائالىيەتنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى.
«تاشئالمىدىكى سەنئەت پۇرىقى» باش تېما پائالىيىتىدە، «چېچەك ئىلاھىنى كۈتۈۋېلىش» قاتارلىق چۆكمە شەكىلدىكى كۆرۈنۈش نامايان قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى باشلاپ مىڭ يىلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قەدىمكى دەۋردىكى باھاردىكى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇراسىمىنىڭ تەنتەنىلىك ۋە رومانتىكىلىق ھالىتى قايتا نامايان قىلىنىدۇ.
«تاشئالمىلىقتا بەھۇزۇر يۈگۈرۈش» باش تېما پائالىيىتى 12.65 كىلومېتىرلىق يېزا-كەنت يولىدا يۈگۈرۈش ۋە 5 كىلومېتىرلىق خۇشال يۈگۈرۈش دەپ ئايرىلىدۇ. پائالىيەت لىنىيەسى سەھرا مەنزىرىسى بىلەن تاشئالما چېچىكى يولىنى تۇتاشتۇرۇپ، ماھىرلارغا يۈگۈرۈش جەريانىدا «كەنت مەنزىرە ئىچىدە، مەنزىرە رەسىم ئىچىدە»دىن ئىبارەت شېئىرىي تۈسكە تولغان سەھرا مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
«تاشئالمىلىقتىكى چاي ھىدى» باش تېما پائالىيىتىدە فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىغا تايىنىپ، بىر مەيدان ئۆزگىچە چاي مەدەنىيىتى زىياپىتى نامايان قىلىنىدۇ.
«تاشئالمىغا بېغىشلانغان شېئىرلار» باش تېما پائالىيىتىدە، شېئىر مىسرالىرى يېزىلغان تەلەي قۇتىسى، شېئىر ئويۇنى، فېيخۇالىڭ خەت ئويۇنى قاتارلىق ھەمتۈرتكە شەكىللىرىنىڭ ياردىمىدە، قاتناشقۇچىلارغا شېئىردىكى سۆز، خەتلەردە تەسۋىرلەنگەن باھار مەنزىرىسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇرىدۇ.
«تاشئالمىنىڭ خۇش ھىدىدىن ھۇزۇرلىنىش» باش تېما پائالىيىتىدە، قۇتۇبى يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرىنى ھېس قىلىش ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
«تاشئالمىغا مۇھەببەت» باش تېما پائالىيىتىدە، ئاساسىي يىغىن مەيدانى رايونىدا تاشئالما چېچىكى ئېلېمېنتى مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش داكا نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «مۇھەببەتكە سۆز قالدۇرۇش تاختىسى» تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرىغا، شەھەرگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە نەق مەيداندا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقىمۇ بولىدۇ. فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، كامىرا ئارقىلىق گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلەيدۇ.
ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى ئالتە چوڭ باش تېما پائالىيىتىدىن باشقا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىمۇ ماس قەدەمدە «تاشئالما چېچەك دېڭىزىدا تاسادىپىي ئۇچرىشىىش»، «يېزا-كەنت ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى نامايان قىلىش مۇسابىقىسى»، «2025-يىللىق 4-نۆۋەتلىك بەخت، ئامەت ئىزنالىرىنى ئىزدەش . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتتا پائالىيىتى» ۋە «ئانار گۈلى ئېچىلدى، ھەممە قەلبداش بولدى» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ.
پائالىيەت 10 كۈن داۋاملىشىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە يەنە ئومۇمىي قىممىتى 200 مىڭ يۈەنلىك پۇل بېلىتى بازارغا سېلىنىپ، تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە مۇكاپات تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنى ئىشلىتىش دائىرىسى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك سودىگەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەقەززالىق بىلەن ساقلاڭ!
سىز بەلكىم
قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى داڭلىق «كۆچەت ماكانى» ئىكەنلىكىنى
«ئۈرۈمچى-سانجىنىڭ ئارقا گۈللۈكى» دەپ تەرىپلىنىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن
بۇ قېتىم، 4000 مودىن ئارتۇق يەردىكى تاشالما چېچەكلىرى قاتلاممۇقات پورەكلەپ ئېچىلدى
ئويلاپ بېقىڭ، نېمە دېگەن گۈزەل!
يەنە نېمىگە ساقلايسىز؟
4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى چېچەك سەيلىسىگە بېرىڭ!
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى