تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 120 مىليون پارچىدىن ئاشتى

    1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 120 مىليون 216 مىڭ 400 پارچە ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.51 ئاشقان؛ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى جەمئىي 1 مىليارد 809 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.54 ئاشقان.

    سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە شىنجاڭ پوچتا كەسپىدە جەمئىي ئورۇندالغان يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 240 مىليون 498 مىڭ 200 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.96 ئاشقان؛ پوچتا كەسپىدە جەمئىي ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 2 مىليارد 609 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.38 ئاشقان. شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىچىدە 5 - ئورۇندا تۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.