تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بىكار قاتراپ يۈرمەڭ! ئۈرۈمچىدىكى بۇ مەنزىرە رايونى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى

4-ئاينىڭ 22-كۈنى

يول رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن

ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى

 سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ۋاقتىنچە توختىاتتى

ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

   4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، يول رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن، قاتناش شارائىتى ھازىرلانمىغاچقا، مەنزىرە رايونى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، كونكرېت ئېچىۋېتىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرى دېڭساۋگۇ كەنتىگە جايلاشقان تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى دۆلەت AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، ساياھەت بايلىقىنىڭ تۈرى مول، قۇملۇقتىن باشقا شىنجاڭدىكى بارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەن.

   كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە يەتكۈزۈپ، سەپەرگە چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەسكەرتىمىز.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مۇخبىر: گو جۈنگې

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.