«1-ماي»لىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى شىئەنگە قاتنايدىغان MU9943/4 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئوتتۇرا بېكەتتە توختىمايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ، ئۇچۇش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارغان، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. ھەر كۈنى سائەت 15:40تا شىئەن شيەنياڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:35تە شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ، سائەت 21:50تە شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سەھەر سائەت 01:30تا شىئەن شيەنياڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدۇ. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدا ھەر كۈنى شىئەنگە بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈچ نۆۋەتكە يېتىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش تاللىشىنى زور دەرىجىدە بېيىتىدۇ.

خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى
(خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋۇ شۈچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى مىڭتاۋ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى