□جۇڭ شېڭ
«ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدۇ» «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا تەرەپنىڭ يەككە تەرەپلىك ھالدا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ» «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ <خالىغانچە تاموژنا بېجى ئېلىش> ئۇسۇلى خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئامېرىكا تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدا كونا زومىگەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»... خەلقئارا جەمئىيەت سىجىل تۈردە ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يولغا قويۇشتەك زومىگەرلىك قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ «تاموژنا بېجى پوپوزىسى» تىزىملىكىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەت دەپ بېكىتىلگەن لېسوتودىن تىنچ ئوكياندىكى كەسىپلىرى يەككە، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز بولغان ئارال دۆلەت فىجىغىچە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن دۆلەت بار. ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجى كالتىكىنى خالىغانچە پۇلاڭلىتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، قىلچە خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق، بۇ، ئامېرىكىچە زومىگەرلىكنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، نەپسانىيەتچىلىكى ۋە رەھىمسىزلىكى، ساختىپەزلىكىنى چوڭقۇر ئاشكارىلاپ بەردى.
ئامېرىكا كۈچىگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ، ھە دېگەندە ئىقتىسادىي يەككە تەرەپچىلىكنى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات دەرىجىسى ئۆزىگە يەتمەيدىغان دۆلەتلەردىن بايلىق شىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى «ئىنتايىن سەلبىي» بولىدۇ، بولۇپمۇ يەرشارىدىكى ئەڭ نامرات كىشىلەر توپىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ پەرقى چوڭ بولغان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى يەر شارىدىكى باي - نامراتلىق پەرقىنى يەنىمۇ چوڭايتىۋېتىدىكەن، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ چوڭ زەربىگە ئۇچرايدىكەن، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. تانزانىيە «پۇقرالار گېزىتى» تەشۋىشلەنگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە سانائەت زەنجىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى تېخىمۇ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە تېخىمۇ چوڭ ئېشىش بېسىمىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قەستەن سەل قاراپ، مال سودىسىدىكى تەتۈر پەرقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بۇرمىلاپ، يەككە تەرەپلىك ھالدا تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يولغا قويدى، بۇ ئېنىقكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تارتىۋالغانلىق. يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا بىر تەرەپتىن خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ئېلىپ كەلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى پايدىدىن ئۇزاق مۇددەت بەھرىمەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا سودا قائىدىسىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زىچ باغلىنىشى ۋە ماس تەرەققىياتىغا پىسەنت قىلماي، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى كۆزگە ئىلماي، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى. ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى ئادسىنا يېقىندا مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا قوزغىغان تاموژنا بېجى ھۇجۇمى ئافرىقىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە «زەربە دولقۇنى» ئېلىپ كېلىپ، سودىنى تارايتىۋېتىشى ۋە قەرز قايتۇرۇش تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ زومىگەرلىك، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشىغا قارىتا، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە بولمايدۇ. ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو يوللۇق بولغان قارشى جازا تەدبىرىنى قەتئىي قوللاندى، بۇ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى زۆرۈر تەدبىر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا سودا قائىدىسى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىساد - سودا ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يولغا قويۇشىدىن كېلىپ چىققان سودا جىددىي ۋەزىيىتىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ھازىرقى دۇنياۋى سودا جىددىي ۋەزىيىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. جۇڭگو سودا قورۇقچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ئارقىلىق دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئىمتىيازىنى يولغا قويۇپ، ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە بولغان يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: جەنۇب - جەنۇب سودىسى دۇنياۋى سودىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جەنۇب - جەنۇب سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولىدۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.
تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، ئىنسانىيەت ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋالىدىغان ئورمان دۇنياسىغا قايتسا ھەرگىز بولمايدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان، خەلقئارالاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇھىم تۆھپە قوشقۇچى، شۇنداقلا خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ بولماقتا. تارىخنى كەينىگە ياندۇرماقچى بولغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنىڭ ھەممىسى مۇقەررەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
(«خەلق گېزىتى»نىڭ 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)