تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

​جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغى تەسىس قىلىش، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىيىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپلىرى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ بولغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ كەسىپ سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش لايىھەسى» مۇھاكىمە قىلىندى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: ئېنېرگىيە بايلىقى ئەشيا ئوبوروتى يۈرۈشۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كۆمۈر، قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش - توشۇش ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، «شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇش» «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» «قېزىلما بايلىقنى شىنجاڭدىن چىقىرىش» «خام ماتېرىيالنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش» قاتارلىق ئاساسلىق بايلىق يولى تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئاشلىق، پاختا قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىش تىرانسپورتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت (رايون) سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تايانچ بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئوبوروت ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا شەھىرىنى يادرو قىلىپ، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى تايانچ كارىدورى قۇرۇش كېرەك. سودا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش، يەتكۈزۈش تورىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «توشۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىپ مال سېلىش» نەتىجىسىنى پۇختىلاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئەۋەتىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «تۆمۈريول پورتى + تەۋەلىك بويىچە تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، تاشقى يولنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار ھەقىقىي تۈردە رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مالىيە كىرىمى كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، تەقسىملەشنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش، ۋاسىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سۇ مەنبەسىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىغا دائىر قانۇن - نىزام ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىنى ئىلمىي ئايرىپ، تەڭشەپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۈندىلىك چارلاش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.