تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

100 يىللىق قەدىمىي قارىياغاچ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ يەنە قەد كۆتۈرگەن ئون سائەت ئىچىدە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىمىڭ

4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، پىچان ناھىيەسى تۇيۇق مەنزىرە رايونى 10 بال بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى كۆرۈپ، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار سەل ئەنسىرەپ قالدى. مەنزىرە رايونىدا 20 نەچچە تۈپ 100 يىللىق قەدىمىي دەرەخ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈپ دەرەخ 500 يىلدىن ئاشقان دەرەخلەر ئىدى. «دەرەخلەر بورانغا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟ بولۇپمۇ ھېلىقى قەدىمىي قارىياغاچ.» تۇيۇق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيې ئەندىشە قىلغان ھېلىقى قەدىمىي قارىياغاچ 100 يىلدىن ئاشقان قارىياغاچ بولسىمۇ، غولى يىل سانى ئوخشاش دەرەخلەرنىڭكىدىن خېلىلا ئىنچىكە ئىدى. «ئۇ سەل ئالاھىدىرەك، دەرەخنىڭ يېرىمى قۇرۇپ كەتكەن، قالغان يېرىمى باراقسان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئىزچىل مۇشۇنداق ئۆزگىچە ھاياتلىق ھالىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتاتتى».

بوران چىقىشتىن بۇرۇن، خىزمەتچى خادىملار قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ، دەرەخ تاجى بىرقەدەر چوڭ، شاخلىرى قالايمىقان ئۆسكەن دەرەخلەرنى پۇتاش بىلەن بىللە، ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم چارلىدى.

شۇ كۈنى كەچتە، كۈچلۈك بوران مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتا چىقىشقا باشلىدى. چارلاشقا مەسئۇل مەخمۇت ياقۇپ بوراننىڭ ھۇقۇيتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئەندىشىگە چۈشتى. «دەرەخ غولى توم بولغانلىرىدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىدىم، لېكىن بەزى دەرەخلەرنىڭ يىلتىزى تېيىز، ساغلاملىق ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۇلاردىن مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ئەنسىرەيمەن.» مەخمۇت مۇنداق دېدى: بورانغا قارىماي دەل - دەرەخلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چىقىپ، ھەر قېتىم دەرەخلەرگە زىيان - زەخمەت يەتمىگەنلىكىنى كۆرگەندە، يۈرىكىم سەل جايىغا چۈشىدۇ.

سەھەر سائەت 3تە، مەخمۇت يەنە بىر قېتىم چارلاۋاتقاندا، ئەنسىرىگەن ئىش يەنىلا يۈز بەردى − يېرىمى قۇرۇپ كەتكەن، يېرىمى ياشناپ تۇرغان ئاشۇ قەدىمىي قارىياغاچ يەردە توغرىسىغا ياتاتتى، بىر قىسىم يىلتىزلىرى ئېچىلىپ قالغانىدى.

لى جيېمۇ بۇنىڭدىن بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر تاپتى.

«يۈرىكىم جىغلا قىلىپ قالدى، شۇ چاغدا بۇ قەدىمىي دەرەخنى دەرھال قۇتقۇزۇش - قۇتقۇزماسلىقنى ئويلاشتۇق، لېكىن ھاۋارايى بەك ناچار بولغاچقا، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز ئالدى بىلەن قەدىمىي قارىياغاچنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلىپ، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزدۇق.» لى جيې مۇنداق دېدى: بەختكە يارىشا، بوراندا يىقىلغان قارىياغاچنىڭ شاخ - غوللىرى يىلتىز سىستېمىسى بىلەن تۇتاش بولۇپ، قايتا كۆكلىشىدىن ئۈمىد بار ئىدى.

سائەت 10دا، تۇيۇق مەنزىرە رايونىدىكى 16 خىزمەتچى خادىم يىقىلغان قەدىمىي قارىياغاچ ئالدىغا يىغىلدى. قەدىمىي كەنتنىڭ يول شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، قارىياغاچنى يۆلەپ تىكلەشنى ماشىنا بىلەن تاماملىغىلى بولمايتتى، پەقەت ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ئارغامچا تارتىش، ئىتتىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى. «بىر، ئىككى، تارتىڭلار»، «بىر، ئىككى، تارتىڭلار»... ھە - ھۇ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەر ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە ئارغامچا بىلەن دەرەخ تارتىۋاتقانلار بىلەن قەدىمىي دەرەخنى چۆرىدىشىپ ئىتتىرىۋاتقانلار بىرلا ۋاقىتتا كۈچ چىقاردى.

«ئازراق تارتقاندىن كېيىن، بىز دەرھال ئالدىن تەييارلاپ قويغان يۇمىلاق ياغاچ بىلەن ئازراق تىرىۋالدۇق، چۈنكى قەدىمىي دەرەخ زەخىملەنگەن بولغاچقا، تارتىش، ئىتتىرىش جەريانىدا كۈچەش سالمىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ئىدى، 2 - قېتىم زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن قورقتۇق. بۇ جەريان ھەقىقەتەن ئاسانغا چۈشمىدى، لېكىن كۆپچىلىك پەقەت ئادەم كۈچىگە تايىنىپ قەدىمىي دەرەخنى ئاز - ئازدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى» دەپ تونۇشتۇردى لى جيې.

سائەت 13 بولاي دېگەندە، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، يىقىلغان قەدىمىي قارىياغاچ يەنە قەد كۆتۈردى. ئارقىدىن خىزمەتچى خادىملار يەنە تىرەك قويۇپ مۇستەھكەملەش، يىلتىز سىستېمىسىغا توپا يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قايتىدىن قەد كۆتۈرگەن قەدىمىي قارىياغاچنى قوغداشنى كۈچەيتتى.

«قەدىمىي قارىياغاچنىڭ بوراندا يىقىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، خۇددى قەدىناس دوستۇم ئاغرىپ قالغاندەك كۆڭلۈم يېرىم بولغانىدى، ھېلىمۇ ياخشى مەنزىرە رايونىدىكىلەر تېزلىكتە ھەرىكەتكە كەپتۇ.» بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن تۇيۇق كەنتى ئاھالىسى ئابلەي نىياز بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار قەدىمىي قارىياغاچنى يۆلەپ تىكلەش خىزمىتىنى تاماملاپ بولغانىدى. ئابلەينىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، بۇ قارىياغاچلار كەنتتىكى ئەڭ قەدىمىي «ئاھالە»لەرنىڭ بىرى ئىكەن، قۇرغاقچىلىققا، بورانغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، مۇھىتى قۇرغاق تۇيۇقتا قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن، شۇنداقلا بۇ جايدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك تەبىئەت سوۋغىسىغا ئايلانغان ئىكەن.

«قارىياغاچ ماكاننى قوغدايدىغان، بوران ۋە قۇمنى توسىدىغان مۇھاپىزەتچى بولۇپلا قالماي، جاپا - مۇشەققەتلىك يىللاردا ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى ۋە قارىياغاچ چېچىكى جاننى قۇتقۇزىدىغان ئاشلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنىدى.» ئابلەي مۇنداق دېدى: «بىز ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر مۇشۇ قارىياغاچلارنىڭ ئاستىدا چوڭ بولغان، شۇنداقلا ئۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ۋە كەنتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى».

تۇيۇق مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىقى مول بولۇپ، قەدىمىي قارىياغاچتىن باشقا، يەنە ئۈجمە دەرىخى، تېرەك، ئۆرۈك دەرىخى قاتارلىق كۆپ خىل دەل - دەرەخلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە يېشى يۈز يىلدىن ئاشقان قەدىمىي دەرەخ 20 تۈپتىن ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرە رايونى قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەربىر تۈپ قەدىمىي دەرەخنى بەلگە تاختىسى ئېسىپ تىزىملاپ، كۈندىلىك ئاسراش ۋە سۇغىرىش، پەرۋىش قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى.

قەدىمىي قارىياغاچ قايتىدىن قەد كۆتۈردى، لى جيې يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى. ئۇ قەدىمىي قارىياغاچ ئالدىدا تۇرۇپ، پىچان ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ گاڭغا سىنلىق تېلېفون قىلدى.

«قاراڭ، بۇ دەرەخنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ئىكەن؟ بىزنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىمىزدا مەسىلە يوقتۇ؟ بۇ مەزگىلدە يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟»

«سىلەر ناھايىتى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپسىلەر، قوللانغان تەدبىرلەرمۇ ناھايىتى توغرا بوپتۇ. ئەمما مۇستەھكەملەش جەھەتتە يەنە مۇكەممەللەشتۈرۈڭلار، ئەڭ ياخشىسى پولات تۇرۇبا بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. بۇ قەدىمىي قارىياغاچنىڭ يېرىمىدىن ئاز بىر قىسمىلا ياشناپ تۇرغان، ھازىر يىلتىز سىستېمىسىمۇ زەخىمگە ئۇچراپتۇ، شۇڭا كېيىنكى مەزگىلدە سۇغارغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى سۇغا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى، يىلتىز تارتقۇزۇش تالقىنى قوشۇپ سۇغىرىپ، يىلتىز سىستېمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىڭلار...»

«بولىدۇ! سۇغىرىشتىچۇ؟ قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم سۇغىرىمىز؟»

«ئون نەچچە كۈندە بىر قېتىم سۇغارساڭلار بولىدۇ. چوقۇم كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، قايتا زەخىمگە ئۇچرىمىسۇن.»

«قۇرۇپ قالمايدىغاندۇ؟» دەپ سورىدى لى جيې.

«بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرسەڭلار ھايات قېلىش نىسبىتى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ».

جاۋ گاڭنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، لى جيېنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ئېچىلدى. «بۇ بىرنەچچە كۈندە ئىزچىل ئۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە جىددىي قۇتقۇزغان چاغدا بەزىلەر بۇ دەرەخ مۇشۇنداق بولۇپ كەتكەن تۇرسا، قايتا كۆكىرىشى ناتايىن دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا سىناپ باقماقچى بولدۇق، بۇ قەدىمىي دەرەخلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭمۇ كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش مېھرىمىز بار. ھەربىر تۈپ قەدىمىي دەرەخنىڭ ھەممىسىنىڭ قويۇق تارىخىي قىممىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئەھمىيىتى بار، مەنزىرە رايونىدىكى ھەربىر تۈپ قەدىمىي دەرەخنى ياخشى قوغداش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ قەدىمىي دەرەخلەرگە باغلانغان ھېسسىيات رىشتىسىنى ۋە 100 يىللىق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىنى قوغدىغانلىقتۇر» دېدى لى جيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.