4-ئاينىڭ 19-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسىدىكى چيەنچۈەنخۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا كېلىپ، خۇددى باھاردا يوشۇرۇنغان سىرلىق مەنزىلگە كىرىپ قالغاندەك بولدۇم. يىراققا نەزەر سالساق، ئۇپۇققا تۇتاشقان ئوتلاق قىشتىكى سارغايغان ھالىتىنى تاشلاپ، يېپيېڭى يېشىل لىباس كىيگەنىدى.

ئېگىز بوشلۇقتىن سۇلۇق يەرگە نەزەر سېلىش. مېيىرژان ئېلشات فوتوسى
ئېگىز بوشلۇقتىن تۆۋەنگە قارىغاندا، پۈتكۈل سۇلۇق يەر خۇددى غايەت زور يېشىل رەڭلىك جىپسىلاشما رەسىمگە ئوخشايدۇ. توپ-توپ كالا-قويلار خۇددى ھەرىكەتلىنىۋاتقان شاھمات ئۇرۇقىغا ئوخشاش بۇ يېشىل شاھمات تاختىسىغا چېچىلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئوتلاقتا بەخىرامان ئوتلاپ يۈرەتتى. بەزى كالا-قويلار بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، يۇمران ئوت-چۆپلەرگە ئاستاغىنا تېگىپ، يېنىك چاينىغان ئاۋاز چىقىراتتى؛ بەزىلىرى ئوتلاقتا راھەت يېتىپ، كۆزىنى يۇمۇپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي بۇ ئىللىق قۇياش نۇرىغا تاپشۇرۇپ، باھاردىكى ئەڭ راھەت قۇياش مۇنچىسىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتاتتى.

سۇلۇق يەردە بەخىرامان ئوتلاۋاتقان كالا-قوي ۋە ئاتلار. مېيىرژان ئېلشات فوتوسى

سۇلۇق يەردە بەخىرامان ئوتلاۋاتقان كالا-قوي ۋە ئاتلار. مېيىرژان ئېلشات فوتوسى

سۇلۇق يەرنىڭ سۈيى ئەگرى-بۈگرى ئاقماقتا. مېيىرژان ئېلشات فوتوسى
سۇلۇق يەرنىڭ سۈيى ئېقىپ تۇرغان زېرەكچاقلارغا ئوخشايدۇ. بەزى سۇ ئېقىنلىرى يەر شەكلىنىڭ ئېگىز-پەسلىكىنى بويلاپ شىلدىرلاپ ئېقىپ، جاراڭلىق ۋە يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىپ، خۇددى شوخ يىپەك لېنتىغا ئوخشاش، ئوتلاقتا ئەگرى-بۈگرى ئىلگىرىلەيدۇ؛ بەزى سۇ رايونى ئەينەكتەك تىنچ بولۇپ، سۇ يۈزىدە كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ۋە ئەتراپتىكى ئوتلاقلارنىڭ شولىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان ئەينەككە ئوخشاش، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى.

سۇلۇق يەرنىڭ يېنىدىكى بۈك-باراقسان يېشىل دەرەخ. مېيىرژان ئېلشات فوتوسى

سۇلۇق يەرنىڭ يېنىدىكى بۈك-باراقسان يېشىل دەرەخ. مېيىرژان ئېلشات فوتوسى
سۇلۇق يەر يېنىدىكى دەرەخلەر خۇددى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېشىل يول بەلگىسىگە ئوخشايدۇ، دەرەخلەرنىڭ ھەر بىر شېخى يېڭى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، يوپۇرماقلىرى قاتمۇقات بولۇپ، مەيىن شامالدا يېنىك تىترەيدۇ. يىراقتىن قارىغاندا، ئۇ خۇددى يېشىل ماياكقا ئوخشايدۇ، بۇ جايدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ بۇ سۇلۇق يەرگە جىمجىتلىق ۋە سالاپەت بېغىشلايدۇ.

ئېگىز بوشلۇقتىن سۇلۇق يەرگە نەزەر سېلىش. مېيىرژان ئېلشات فوتوسى
بۇ يەردە، ۋاقىت خۇددى ئاستىلىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويغاندەك ئىدى. بۇ يەردە شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ۋە ئاۋاتلىقى يوق، پەقەت ساپ كۆك ئاسمان، ياپيېشىل ئوتلاق، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى ۋە ئەركىن-ئازادە يۈرۈۋاتقان جانلىقلارلا بار. ئادەمنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، زېرىكىش ۋە ھارغىنلىقنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئادەم پەقەت تەبىئەتنىڭ بۇ سوۋغىتىنى جىمجىت ھېس قىلىشنى خالايدۇ.
(ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يىڭ، مېيىرژان ئېلشات)