يېقىندا دوستۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدىغان ھەم ئىنتايىن گۈزەل، داكا قىلىشقا بولىدىغان بىر جاينى بايقىدىم.
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرى دۇڭۋەن بازىرى دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا بىر «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا». ئۇچقاندەك ئېقىپ چۈشىدىغان شارقىراتما، تۇتاش كەتكەن يايلاق، قاتمۇقات شەمشادلار...
ئادەم ئاز، مەنزىرىسى چىرايلىق، ھەر خىل ئۇسۇلدا ساياھەت قىلالايسىز، ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ! تېز كېلىپ ئايلىنىپ كېتىڭ.
ئوكسىگېنخانا
ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، ئوكسىگېنغا تازا تويۇنغان
ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك ئىستېرېئولۇق مۇزېي

ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ئىككى سائەت ئەتراپىدا دۇڭداتاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 30 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98كە يېتىدۇ، قارىغاي ياغىچىنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇ يەرنى «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا» دېيىشكە بولىدۇ.


كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مەنزىرە رايونىنىڭ شەرق، جەنۇب، غەرب ئۈچ تەرىپىنىڭ مەنزىرىسى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، يايلاقتىن مۇزلۇققىچە بولغان كۆپ خىل مەنزىرىلەر تىك ھالەتتە ئالمىشىدۇ، شۇڭا بۇ يەرگە كەلسىڭىز ئۆزىڭىزنى خۇددى ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك ئىستېرېئولۇق مۇزېينى ئايلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز.
شاقىراتما
يۈز مېتىرلىق شارقىراتما ئېگىزدىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ
خۇددى تاغقا ئېسىپ قويۇلغان شايىغىلا ئوخشايدۇ
«يۈز مېتىرلىق شارقىراتما» مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە سىز چوقۇم ئۇچرىتىدىغان تۇنجى داكا قىلىدىغان جاي، شارقىراتمىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا شۈەنيۈەن خۇاڭدىنىڭ تاش ھەيكىلى بار.
بۇ مەنزىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى دەل تاش ھەيكەل بىلەن شارقىراتمىنىڭ بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشقانلىقىدا.
شۈەنيۈەن خۇاڭدىنىڭ ھەيكىلىگە يىراقتىن قارىغاندا ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ. يۈز مېتىرلىق شارقىراتما خۇددى شايىغا ئوخشاش ھەيكەل يېنىدا ئېسىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا جانلىق تۈس قوشىدۇ.

ئەتراپتا يەنە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەمشادلار بار، بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشقان بۇ مەنزىرىلەر ھەقىقەتەن گۈزەل.
قارلىق تاغ
قارلىق تاغ بىلەن يايلاق بىر-بىرى بىلەن يوچۇقسىز جىپسىلاشقان
قەلبىڭىزگە ئازادىلىك بېغىشلايدۇ

ئەلۋەتتە، دۇڭداتاڭنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يەرلىرى شارقىراتما بىلەن تاش ھەيكەللا ئەمەس، يەنە بۈك-باراقسان شەمشاد، چىرايلىق قارلىق تاغ ۋە چەكسىز يايلاقتىن تەركىب تاپقان تەبىئىي ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدىغان گۈزەل مەنزىرىسىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان چىرايلىق مەنزىرە كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
بىز بۇ يەردە قۇياش نۇرىنىڭ تاغقا چېچىلغاندىكى رومانتىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايمىز، شۇنداقلا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ يېنىك پىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىيالايمىز.

تەلىيىڭىز بولسا، بەلكىم يەنە بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىق بىر قىسىم ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

پىيادە مېڭىش، تاغقا يامىشىش، دالىدا قونۇش، سۈرەتكە تارتىش... بۇ يەردە ساياھەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ خىل، لېكىن مۇھىمى، چوقۇم ئۆزىڭىز كېلىشىڭىز كېرەك.

يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، دۇڭداتاڭنى نېمىشقا بالدۇرراق بايقىمىغانلىقىمدىن سەل ئەپسۇسلاندىم.
بۇ يەر بىزگە يېقىن، ھەم ھەر خىل ئۇسۇلدا ساياھەت قىلالايمىز، ناھايىتى مۇكەممەل دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىر پىلان تۈزسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، ھاۋا يەنىلا ياخشى، ئايلىنىپ كېلىڭ، ماڭا ئوخشاش خۇشاللىققا چۆمۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى