تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يىپەك يولىدىكى رەڭدارلىق تىيانشاندا تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈش − 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلەر

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا ئوينالغان تىياتىر «ياشلىق باھارىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش» شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. بۇ نومۇر «ياشلىق»نى ئاساس، «پورەكلەپ ئېچىلىش»نى مېلودىيە قىلىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئېسىل سەنئەت كاتتا زىياپىتىنى نامايان قىلدى.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى «شوخ ئۇسسۇل بىلەن ياشلىق باھارىنى كۈيلەش . شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كوچا ئۇسسۇلى كۆرىكى» شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياش ئۇسسۇلچىلار جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى كوچا ئۇسسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ، كوچا ئۇسسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنەت بايرىمى ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتىدە، تاماشىبىنلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يۈجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ شىچۈ تىياتىرى مەخسۇس ئويۇنى نەق مەيدانىدا ئارتىسلاردىن شىچۈ تىياتىرى ھەرىكەتلىرىنى ئۆگەنمەكتە.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى كارتون كۆرگەزمىسى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «يىپەك يولىدا سەيلە قىلىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتى تەييارلىغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئالمىخان قەيەردە» ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى. بۇ ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر تۆت بۆلەك ئارقىلىق، بىر جۈپ ياش قىز-يىگىتنىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆز بەختىنى قوغلىشىشتەك مۇھەببەت ھېكايىسىنى بايان قىلغان.

4-ئاينىڭ 7-كۈنى 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ مۇنەۋۋەر سەھنە ئەسىرى «مۇقام نادىر جەۋھىرى − چەبىيات» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىدا ئورۇندالدى. بۇ تىياتىر ئەسلىي پۇراقتىكى مۇقام مۇزىكا ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، قالۇن، باربىت، كۇڭخوۋ ۋە رۇەن قاتارلىق مىللىي چالغۇلاردا يېڭىلىق يارىتىپ، تاماشىبىنلارغا مۇقام سەنئىتىنىڭ «ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا» بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە نومۇر ئورۇنلاپ بەرمەكتە. شۇ كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى «رەڭدارلىق ئىچىدە قەلبداشلىقنى تاۋلاش 70 يىللىقىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش» مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەدىمىنى توختىتىشقا جەلپ قىلدى.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

    4-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى چىنچياڭ ئەلنەغمىسى «خۇڭسەن مۇنارى ئاستىدا»نىڭ جاراڭلىق ياڭرىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. «رەڭدارلىق ئىچىدە قەلبداشلىقنى تاۋلاش 70 يىللىقىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش» باش تېما قىلىنغان بۇ كاتتا مەرىكە 4-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، 37 تىياتىر 80 نەچچە مەيدان ئويۇن، يەتتە مەيدان سەنئەت كۆرگەزمىسى ھەم 144 تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان سەنئەت مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

    «مۇقام نادىر جەۋھىرى − چەبىيات» ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان مۇزىكا سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، «ئالمىخان قەيەردە» كۆپ خىل سەنئەت شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادىتىنى تەسۋىرلىدى، «سېن شېن. دەل ـ دەرەخلەر ئاقىرىپتۇ نەشپۈتنىڭ گۈل-چېچىكىدەك» دېگەن شېئىردا تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن چېگرا قورغىنىنىڭ رومانتىكلىقى قايتا نامايان قىلىندى... تىياتىرخانا ئىچىدە رەڭ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل گىرەلىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت قىياپىتى نامايان قىلىندى. تىياتىرخانا سىرتىدا، سەنئەت كۆرگەزمىسى، ناخشا-ئۇسسۇل، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى − گۈزەل سەنئەت سارىيى ئىچىدىكى رەقەملىك تېخنىكا يىپەك يولى مەدەنىيەت خاتىرىسىنى قوزغاتتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنىرىنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى شىنجاڭنى ناخشا-ئۇسسۇل دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى كۆپ خىل شەكىل، كامالەتكە يەتكەن كۆرەك، ئېسىل كۆرگەزمە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، كۆپ خىللىق ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت مەنزىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى. ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئۆزئارا ئۇچرىشىپ جۇلالانغاندا، كۆپ مىللەتنىڭ سەنئىتى دۇمباق رىتىمى بىلەن ئۇسسۇل قەدىمى ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن يۇغۇرۇلدى، تىيانشان ئېتىكىدە سوقۇۋاتقىنى مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتەك تومۇرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش ھالىتى بىلەن «گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش»نىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ چىقتى.

سۈرەتنى تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ، ۋاڭ يۈ، لى رۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ سىمىن تارتقان

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.