تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى كىچىك تىياتىرخانا سەنئەت نومۇرلىرى توپلىمى -«ئەتىرگۈلدەك ھايات» قويۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكى تەييارلىغان كىچىك تىياتىرخانا ئەسەرلىرى توپلىمى -«ئەتىرگۈلدەك ھايات» شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى.

   بۇ كىچىك تىياتىرخانا ئەسەرلىرى توپلىمى شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكى تەييارلىغان ئەسلىي ئىجادىيەتلىك تەجرىبە تىياتىر بولۇپ، توپلام ئىتۇت «ئۆي سېتىۋېلىش»، ئاۋازسىز تىياتىر «باغچىدىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش خاتىرىسى» ۋە بىر پەردىلىك تىياتىر «ئەتىرگۈلدەك ھايات» قاتارلىق ئۈچ ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەجرىبە تىياتىر دېگىنىمىز تىياتىر ئىجادىيىتىدە، ئەنئەنىۋى تىياتىر قارىشى، ئىپادىلەش شەكلى، ئورۇنداش ئۇسۇلى ۋە سەھنە لايىھەسى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتتىن دادىل بۆسۈش قىلىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان تىياتىرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئەسلىدە بار بولغان تىياتىر ئەندىزىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇلى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىياتىر سەنئىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاۋازسىز تىياتىر «باغچىدىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش خاتىرىسى»دە ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى ئوپېرا ئۆمىكى ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ كەسپىي ئۇسسۇل ئارتىسلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇسسۇل ئويناشتىن دائىرە ھالقىپ تىياتىر ئويناشقا ئۆتۈپ، يېڭىچە ئويۇن قويۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، سەھنە بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، كىچىك تىياتىرخانا ئەسەرلىرى توپلىمىدىكى ئېسىل نومۇرلار، تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا يېپيېڭى كۆرۈش سېزىمى ۋە كۆرۈش-ئاڭلاش كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كەلدى.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىسلار ئاۋازسىز تىياتىر «باغچىدىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش خاتىرىسى»نى ئورۇنلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىسلار ئاۋازسىز تىياتىر «باغچىدىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش خاتىرىسى»نى ئورۇنلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىسلار ئىتوت «ئۆي سېتىۋېلىش»نى ئورۇنلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىسلار بىر پەردىلىك تىياتىر «ئەتىرگۈلدەك ھايات»نى ئورۇنلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىسلار بىر پەردىلىك تىياتىر «ئەتىرگۈلدەك ھايات»نى ئورۇنلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.