تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدا تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانۇن يۈرگۈزۈش يولى ئارقىلىق قوغداش بازىسى قۇرۇلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ يۈ) 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانۇن يۈرگۈزۈش يولى ئارقىلىق قوغداش بازىسىنىڭ ۋىۋىسكا يۇپۇقى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنى بولغان يارغول قەدىمىي شەھىرىدە ئېچىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانۇن يۈرگۈزۈش يولى ئارقىلىق قوغداش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

     بۇ بازىنى تۇرپان شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىرلىشىپ قۇرغان بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئائىت جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇن يۈرگۈزۈش يولى ئارقىلىق تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن.

    تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 1491ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئىككىسى، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 13ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 56سى بار. يېقىنقى بەش يىلدا، تۇرپان شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا سېتىش، قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىلىرىنى ئوغرىلىقچە قېزىش قاتارلىق جىنايەت دېلوسىدىن 16نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، 51 جاۋابكارغا ھۆكۈم چىقاردى.

«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.