تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چېچەكلەر راسا ئېچىلدى، كورلىدىكى 5800 مو شاپتۇللۇق باغ ۋاڭخۇڭ داكا جايغا ئايلاندى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى  

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى تەسكەن كەنتىدىكى خاۋشياڭ شاپتۇللۇق بېغىدا، رەڭدار شاپتۇل چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر شاپتۇل دەرىخى ئاستىدا سەيلە قىلىشتى، شاپتۇللۇق بەئەينى گۈل دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، رەڭدار شاپتۇل چېچەكلىرى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

    شۇ كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ قارا يۇلغۇن بازىرىدا 4-نۆۋەتلىك شاپتۇل چېچىكى ساياھەت پەسلى پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتقانىدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش، ياۋا كۆكتاتلارنى كولاش، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق شاپتۇل چېچىكى پەسىلى ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

 

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن بازىرىدا 4-نۆۋەتلىك شاپتۇل چېچىكى ساياھەت پەسلى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ساياھەتچىلەر رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ شاپتۇللۇق باغدا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

    كورلا شەھىرىدىكى 5800 مو يەردىكى شاپتۇل دەرەخلىرى ھازىر راسا چېچەكلىدى، چېچەكلەش مەزگىلى 10 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر قېتىملىق چېچەكلەش پەسلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە شۇ جايدىكى ئامما بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىدۇ ۋە چېچەكلەرنى تاماشا قىلىدۇ.
     كورلا شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شاپتۇل ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىرنىلىك شاپتۇل، توقاچ توغاچ، توقاچ شاپتۇل قاتارلىق خاس شاپتۇل تۈرلىرىنى تىكىپ، ئۇنى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇق باغدا سەيلە-ساياھەت قىلىپ چېچەك تاماشا قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.