مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە
بۇ ھەپتە (4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە)
شىنجاڭ ئىككى قېتىم ھۆل-يېغىنلىق، بورانلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدىكەن
شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا قايتا ئۆرلەيدىكەن
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى
يېقىنقى مەزگىلدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ
«سوغۇق ئاخىرلىشىپ ئىللىشقا باشلىغان» پەيتنى تۇتۇپ كېۋەز تېرىپ
بۇ مەزگىلدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ زىرائەتلەرنىڭ مايسا چىقىرىشىغا ۋە مايسا مەزگىلىدىكى ئۆسۈشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك
4-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8دىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 8گىچە مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى. مەنبە: جۇڭگو ھاۋارايى تورى
ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ ئاندىن قارغا ئايلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئاندىن قارغا ئايلىنىدىكەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن.
4-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدىن 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ قارغا ئايلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئاندىن قارغا ئايلىنىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 9~8 بال بوران، 10بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە
يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك ھاۋارايى جەريانى سەۋەبلىك
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەنلەپ
شىمالىي شىنجاڭدىكى كېۋەز ۋە يازغى بۇغداي تېرىشقا
ھەم ئەتىيازلىق قوناقنىڭ مايسا مەزگىلىدىكى ئۆسۈشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن
بۇنىڭغا قارىتا
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
مېتېئورولوگىيە ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە باش مۇتەخەسسىس جى چۇنرۇڭ مۇنداق تەۋسىيە قىلدى
تېخى تېرىقچىلىقنى باشلىمىغانلار
«سوغۇق ئاخىرلىشىپ ئىللىشقا باشلىغان» پەيتنى تۇتۇپ تېرىشى
تېرىپ بولغانلار ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى قىلىشى
مايسىنى ۋاقتىدا تېمىتىپ سۇغۇرۇشى كېرەك
سۈرەت AI بويىچە ھاسىل قىلىنغان
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە
جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىيپاش غەربى رايونىدا يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئومۇميۈزلۈك كۆپ بولىدۇ
قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى، گۈلدۈرمامىلىق بوران-چاپقۇن ۋە
مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك تەتۈر ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، جەزمەن
ئارىلاشما كەلكۈندىن، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبلىك
كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت كېلىپ چىقىشتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك