□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئارام ئالغىلى بولىدۇ، داكا قىلغىلى بولىدۇ؛ باھاردا ئۆرۈك چېچىكىنىڭ رومانتىكلىقى بار، يازدا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرىدۇ، كۈزدە توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، قىشتا قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ... بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پوچتىخانا فۇنكسىيەسى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان باش تېمىلىق پوچتىخانىدىن 70ى بار، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ خاس مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، يەرلىك مەززىلىك تائاملىرى ۋە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر جەزمەن بارىدىغان ۋاڭخۇڭ داكا جايلارغا ئايلاندى.
يېشىل پوچتا ساندۇقىدىن ۋاڭخۇڭ يەر بەلگىسىگىچە، ئەنئەنىۋى پوچتىخانىلار شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىدىغان مەدەنىيەت ئۆتىڭىگە، باش تېمىلىق پوچتىخانىلارغا ئايلاندى، بۇ، پوچتا كەسپىنىڭ كۆپ خىل يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان بۇ باش تېمىلىق پوچتىخانىلار «تەشتەك مەنزىرىسى»دىن «مەنزىرە»گىچە بولغان ئۆزگىچە شەكىل ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، قىزغىن، مېھماندوست خەلق ئىستىلىنى يەتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.
شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيدىغان يېڭى كۆزنەك
«مەن باھار مەنزىرىسى ئاتكرىتكىسىنى يىراقتىكى دوستۇمغا ئەۋەتمەكچى.» يېقىندا، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار. گۈل - چېچەككە پۈركەنگەن تۇرپان» تېمىسىدىكى 2025 - يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ساياھەتچى لى يۆ «ئۆرۈك» بەخت باش تېمىلىق پوچتىخانىسىدىن ئۆرۈك چېچىكىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان بىر يۈرۈش ئاتكرىتكىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، شۇ كۈندىكى خاتىرە پوچتا تامغىسىنى بېسىپ، خۇشال ھالدا پوچتا ساندۇقىغا سالدى.
كىشىلەر شىنجاڭ مۇزېيى باش تېمىلىق پوچتىخانىسىدا ئۆز قولى بىلەن «دۆلەت گۆھىرى» تامغىسىنى بېسىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سىيماسىنى ئاتكرىتكىدا نامايان قىلالايدۇ؛ تېكەس ناھىيەسىدىكى ئۇيسۇن باش تېمىلىق پوچتىخانىسىدا ئىلىنىڭ كۆك دېرىزە نۇسخىسىدىكى توڭلاتقۇ چاپلىمىسىدىن بىرنى تاللاپ سېتىۋېلىپ، يەنە بىر «ئاۋازلىق» ئاتكرىتكا ياساپ، سەككىز قىرلىق شەھەر پوچتا تامغىسىنى باسالايدۇ؛ «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پوچتىخانىسى قەدىمىي شەھەر ئېلېمېنتى خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، پوچتا بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە كوللېكتىپ پائالىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ... بۇ باش تېمىلىق پوچتىخانىلار خېلى بۇرۇنلا ئەنئەنىۋى فۇنكسىيەسىدىن ھالقىپ، ھەر خىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «ھەرىكەتلەندۈرۈپ»، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى «جانلاندۇرۇپ»، ئەنئەنىۋىلىكنى «سىرتقا چىقىرىپ»، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيدىغان «مىكرو كۆرگەزمىخانىلار»غا ئايلاندى.
2023 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ رايونى شۆبە شىركىتى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن شىنجاڭدا باش تېمىلىق پوچتىخانا ياكى شەھەر پوچتا تارماق ئىدارىسى مەدەنىيەت مەخسۇس رايونى قۇرۇشنى تېزلەتتى.
2024 - يىلى، «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پوچتىخانىسى، قاناس باش تېمىلىق پوچتىخانىسى، «گۈزەل بوستانلىق، جەلپكار ئىلى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پوچتىخانىسى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى باش تېمىلىق پوچتىخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى تىپىك مىسال بولۇپ تاللاندى؛ «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پوچتىخانىسى مەملىكەت بويىچە قاتناش - تىرانسپورت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى 2 - تۈركۈمدىكى ئۈلگىلىك مىسال بولۇپ تاللاندى. «بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى ياراتقان سۇپىلار كىشىلەرگە شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇ.
ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا باش تېمىلىق پوچتىخانىلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك كەينى - كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، ياكى تارىخىي مەدەنىيەتنى باش تېما، ياكى تەبىئىي مەنزىرىنى ئىلھام، ياكى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئالاھىدىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتى، ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىدىغان يېڭى كۆزنەككە ئايلاندى.
«پوچتىخانا +» كۆپ خىل ئىستېمال ھالىتى بەرپا قىلدى
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سىچۇەنلىك ساياھەتچى شى لۇڭ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار باش تېمىلىق پوچتىخانىسىدىن كۆڭلىدىكىدەك بىر سومكا سېتىۋالدى، «تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى مول، ئىنتايىن نەپىس ئىكەن، ئەگەر ئىشىك بېشىغا قارىمىسا، بۇنىڭ پوچتىخانا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش تېمىلىق پوچتىخانا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ رايونى شۆبە شىركىتى شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «پوچتا ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش، پوچتا ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، پوچتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدا باش تېمىلىق پوچتىخانىدىن 14نى، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدا باش تېمىلىق پوچتىخانىدىن 30نى قۇردى، باشقا تۈردىكى باش تېمىلىق پوچتىخانىدىن 26نى قۇردى.
ئاممىۋى ساياھەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى باش تېمىلىق پوچتىخانىلاردا «پوچتىخانا +» يۇغۇرما كەسىپ ھالىتىنىڭ كۆپ خىللىشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى.
شىنجاڭدىكى تۇنجى مەكتەپ باش تېمىلىق پوچتىخانىسى − ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋر باش تېمىلىق پوچتىخانىسىغا مەكتەپ مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۆزىگە ئاستا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت خاس يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدىكى قار شەھىرى پوچتىخانىسىدا تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، قار تېيىلىش مەدەنىيىتى گەۋدىلىك نامايان قىلىندى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر باش تېمىلىق پوچتىخانىسى ھەربىي قىسىم باش تېما قىلىنغان پوچتا بۇيۇملىرى كۆرگەزمە ئىشكاپى تەسىس قىلىپ، خاس ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ھەربىيلەرنىڭ كەسىپ شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۆستۈردى... «پوچتىخانا +» يۈرۈشلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى كۆپ خىل ئىستېمال ھالىتى بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن تەمىنلىدى.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يىغىن، كۆرگەزمە، مۇسابىقە، بايرامنى تۇتقا قىلىپ، بىر قىسىم بايرام، چوڭ - چوڭ پائالىيەت، چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە - يىغىن قاتارلىق نەق مەيدانلاردا ۋاقىتلىق باش تېمىلىق پوچتىخانا تەسىس قىلدى. 2024 - يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىدە، تۆت ئورۇندىكى ۋاقىتلىق باش تېمىلىق پوچتىخانا 20 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتى ھەم ئاتكرىتكىنى كۆرگەزمە قىلدى، يەنە مۇسابىقە داكا نۇقتىسىنىڭ مەخسۇس خاتىرە پوچتا تامغىسىدىن تۆتنى ياسىتىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان نۇرغۇن ماھىر، ساياھەتچى، كۆرگۈچىلەرنى كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ رايونى شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل پوچتا ئەۋزەل بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، «تورلىشىش، يولنى كېڭەيتىش، سۇپىلىشىش» تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ ھەمتۈرتكىلىك ھالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش سۆزى قالدۇرۇش، ئارام ئالغاچ خەت يېزىش، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەر ھەمتۈرتكىلىكىنى ھېس قىلىش، ئالاھىدە پائالىيەت قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز؛ ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىگە پائال سىڭىشىپ، جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى، ئۆرۈك چېچىكى پەسلى، توغراق بايرىمى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىدە ۋاقىتلىق باش تېمىلىق پوچتىخانىلارنى قۇرۇپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پوچتىدىن پايدىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پايدىلىق سىناق
باش تېمىلىق پوچتىخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
قار شەھىرى پوچتىخانىسىغا كىرگىنىمدە، بىر ياندىكى تامغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتلىرى لىق ئېسىلغان بولۇپ، ئۇلارغا كۆپچىلىكنىڭ قار - مۇز ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەنىدى. تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، پوچتا بۇيۇملىرىدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە شالاۋدا گازىرى، چىڭگىل جىغانى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش ۋە يەتكۈزۈش كەسپى بار ئىدى. ئوخشاشلا، قاناس باش تېمىلىق پوچتىخانىسىدا قولدا تىتىلغان كالا گۆشى، مېۋە قېقى قاتارلىق يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.
«مەنزىرە رايونىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بەزىبىر خاس مەھسۇلاتلارنى ئېلىۋالماقچى بولدۇم، باش تېمىلىق پوچتىخانىدا، يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ھەقىقەتەن ئەرزان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ يەردىن سېتىۋېلىشنى تاللىدىم» دېدى قاناس مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلگەن گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى لو بىڭ.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باش تېمىلىق پوچتىخانىلار يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىكى يېڭى يولغا ئايلاندى.
بۇلتۇر، خوتەن تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭدىكى تۇنجى ساغلاملىق باش تېمىلىق پوچتىخانىسى − «خوتەندە ئۇچرىشىش» باش تېمىلىق پوچتىخانىسى تىجارەت باشلىدى، بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى چۈشىنىش، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىق كۈتۈنۈش ئىچىملىكلىرىنى تېتىپ ھېس قىلىشتىن ئىبارەت.
«بۇ جاي خوتەن مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك بولۇپ، يەنە ساياھەتچىلەرنى مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش يېپيېڭى سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ بىزنىڭ پوچتا مۇلازىمىتى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى بىر قېتىملىق پايدىلىق سىناق» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى كۈرەش نىياز.
تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە، باش تېمىلىق پوچتىخانىلارنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېمەك - ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئاقسۇ كۆكيار خاتىرە سارىيى باش تېمىلىق پوچتىخانىسى دائىم «يېزا - كەنت مەدەنىيەت بايرىمى» «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈش بايرىمى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە كۆكيار روھىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇردى.
شىنجاڭغا تارقىلىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشىدىغان، مال سېتىۋالىدىغان، داكا قىلىپ يىغىلىدىغان جايغا ئايلاندى − مانا بۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى باش تېمىلىق پوچتىخانىلارنىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» توغرىسىدىكى جانلىق ئىزاھاتى.