تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چوڭ دۆلەت ئىناق قوشنىدارچىلىقىنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋېن شىن، فېڭ شىنرەن

چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يەنە بىر ئېسىل سەھىپە پۈتۈلدى. 2025 - يىلى باھاردا، دۇنيا جۇڭگوغا نەزەرىنى ئاغدۇردى، جۇڭگو بىلەن ئاسىيادىكى يېقىن قوشنىلارنىڭ زىچ ھەمتۈرتكە بولۇشىغا نەزەرىنى ئاغدۇردى. 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژادىن ئىبارەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان سەپىرى يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

چوڭ دۆلەتنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قانداق ئۆتۈشى ئەزەلدىن خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم تېما بولۇپ كەلدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە دەل داۋالغۇش كەسكىنلىشىۋاتقان، قالايمىقانچىلىق كۆپ يۈزبېرىۋاتقان پەيتتە، دۇنيا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىق، ئىشەنچلىكلىك، يۆنىلىش تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلىشىگە تەشنا بولماقتا. دەل شۇ سەۋەبتىن، جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقىنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر سەپىرىدە يەتكۈزگەن چوڭ دۆلەت ئىناق قوشنىدارچىلىق يولىغا جۇڭگونىڭ ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدىغان زور ئەھمىيىتى مۇجەسسەملەندى.

مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش، قوشنا ئەل بىلەن دوستانە ئۆتۈش، ھەممە ئەل بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ۋيېتنامدا، مالايسىيادا، كامبودژادا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە، پۈتكۈل ئاسىيادا... ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچ، دوستانە جۇڭگو بىلەن باراۋەر بىللە ئۆتۈش، دوستانە ئالاقىلىشىشتەك چوڭقۇر ئەسلىمىلىرى بار.

تارىخ رېئاللىقنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭغا جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت گېنى مۇجەسسەملەنگەن. «جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جېنلا خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو چاڭئەندە زىيارەتتە بولۇش»تىن «600 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې يەتتە قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلغاندا بەش قېتىم مالاككاغا بېرىپ زىيارەت قىلىش»قىچە، يەنە «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشقىچە... جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك تىنچلىق خاراكتېرىگە نىسبەتەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەسىراتى ئەڭ ھەقىقىي، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر.

دۇنيادىكى زېمىنى ئەڭ كەڭ، چېگرا لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، قوشنا دۆلەت ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتايىن مۇھىم رايون ۋە دۇنياۋى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋردە جۇڭگو «ئەتراپ − تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم نۇقتا، دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىنى پىلانلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك «ئىشىك ئالدىمىز تىنچ بولسا، بىز ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى خاتىرجەم، ئەستايىدىل ياخشى قىلالايمىز». كۆپلىگەن قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، «تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان» جۇڭگو ئېنىقكى تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىشنىڭ مۇھىم ئېنىقلىق مەنبەسى.

«شۇ يەردە تۇغۇلۇش، شۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى شۇ يەرگە باغلىنىش». پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ باشلىنىش پەيتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەتراپ دىپلوماتىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن «ئەتراپ ئەندىزىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم باسقۇچ»تا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپ خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى.

قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى مەنزىرىسىدە، ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئېنىقكى ئەڭ رەڭدار سەھىپىلەرنىڭ بىرى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئەتراپتىكى 27 دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، 19 - قۇرۇلتىيى، 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق زىيارەتكە چىقىشىدا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى تاللىدى. 2025 - يىلى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا يەنىلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بولدى. دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوللاش، ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كۈنسېرى جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

بۇ قېتىمقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدە، ۋيېتنام باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋېلىشنى «بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە قارالمىسى» قىلدى، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇلىن، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ نۇرغۇن مۇھىم پائالىيەتكە ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى؛ مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ئىبراھىم دۆلەت خان ئوردىسىدا كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، زۇڭلى ئەنۋەر ئۆزى ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇزىتىپ قويدى؛ كامبودژا پادىشاھى سىخامونى تەختكە چىققان 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايروپورتقا بېرىپ چەت ئەللىك ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالدى ھەم رەئىس شى جىنپىڭغا «كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ مىللەت مۇستەقىللىقى چوڭ مېدالىيون دەرىجىلىك ئوردېنى»نى بەردى...

رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئەتراپتىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولغاندا، ئاددىي خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي قارشى ئېلىشى كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈردى. خانويدىن كۇئالالۇمپۇرغىچە، يەنە فىنوم پېنغىچە، ئايروپورتتىن تۇرۇشلۇق جايغىچە، يەنە دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى نەق مەيدانىغىچە... كۆز يەتكۈسىز ئۇزۇن سەپ ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، كوچىلار تەنتەنىگە چۆمگەنىدى. «يىلتىز خەلقتە، جان تومۇر خەلقتە، كۈچ خەلقتە». زىيارەت مەزگىلىدە ئىمزالانغان 100دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى، باشلانغان ھەربىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئىدى.

بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ ئەتراپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ ئەتراپ ئەندىزىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. دۇنياۋىلىشىش «ئاسىيا پەيتى»گە قەدەم قويغاندا، يەرشارىنىڭ جەنۇبى يېڭى «ئويغىنىش دەۋرى»گە قەدەم قويغاندا، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش» ۋە قالايمىقان تاموژنا بېجى ئېلىشىغا قارىتا، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئورتاق ئارزۇسىنى يەتكۈزدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئەتراپتىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان سەپىرىدە «ئېنىقلىق» دېگەن سۆز قايتا - قايتا تىلغا ئېلىندى.

«ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، رايون ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىش» «يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەش» «ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېنىقلىقى ئارقىلىق دۇنيانىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش»... كەسكىن ھەم جاراڭلىق جۇڭگو ساداسى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان چوڭ دۆلەت خىتابنامىسى.

يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىقنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قارىتا، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ زەربىسىگە قارىتا، ئاسىيانىڭ ئاسىيا قىممىتى بار، ئاسىيانىڭ ئاسىيا ئۇسۇلى بار. بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر «21 - ئەسىر جەزمەن ئاسىيا ئەسىرى بولىدۇ» دېگەننى تىلغا ئالغاندا، ئۇلار ئاسىيانىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئىقتىسادىغا نەزەر سالدى، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ رەڭدار مەدەنىيلىكىگە، مول تارىخىغا نەزەر سالدى. «تەنھا كىچىك قولۋاق دەھشەتلىك دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغاندىلا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ» «تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋالىدىغان ئورمان قائىدىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش»... دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، داغدام يولدا مېڭىش، دۇنيا ئومۇمغا مەنسۇپ بولۇشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت كەڭ قورساقلىقى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئورتاق بولغان قىممەت قارىشى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ۋيېتنام تەرەپنىڭ خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىش ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى» «جۇڭگو كۈچىنى ھەقىقىي نامايان قىلغىنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كاشىلىلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇش، ئېنىقسىزلىقلارغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇشتىكى چىدامچانلىقى» «يەككە تەرەپچىلىك دۇنيا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتقان، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، دۇنيانى قىممەتلىك ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلىدى»... ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژا، جۇڭگو رەھبىرى بارغانلا جايدا قىزغىن ۋە سەمىمىي جاۋابقا ئېرىشتى.

«ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇملار بىر - بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىش»تىن «جاھاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى قېرىنداش» بولۇشقىچە. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى... بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيادا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، غايىسى ئۇلۇغۋار، ئېتىقادى مۇستەھكەم، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ شەرقتىكى چوڭ دۆلەت ئىشنى ئەتراپتىن باشلاپ قىلدى، ئاسىيادىن باشلاپ قىلدى، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا شەكىللەنگەن چوڭ دۆلەت ئىناق قوشنىدارچىلىق يولىنىڭ چوڭقۇر دەۋر ئەھمىيىتى بار − تارىخقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ پەزىلەتلىك كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىش، قوشنىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق ئۆتۈشتەك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى؛ رېئاللىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىدىغان ئاچقۇچ؛ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى نامايان قىلدى. تارىخ ئاسىيا ئەسىرىگە گۇۋاھ بولغاندا، دۇنيا جەنۇبنىڭ جانلانغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى باھاردىكى ئۇچرىشىشى جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكىلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن ئاسىيا ئەقىل - پاراسىتىنى بېغىشلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.