ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر ئاتۇش شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، گەز دەرياسى جىلغىسىدىكى ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدا تەخمىنەن ئىككى سائەت ماڭغاندىن كېيىن، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى تەۋەسىگە كەلگەندە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. بۇ جايدا «تاغلارنىڭ ئەجدادى» بولغان كوئىنلۇن تېغى بىلەن تىيانشان تېغى تۇتىشىپلا قالماي، بۇ جايغا يەنە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت گۆھىرى بولغان بەيشا كۆلى بىلەن قاراكۆل جايلاشقان.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاراكۆل مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.
بۇ يەردە مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1200 مېتىر كېلىدىغان بەيشا تېغى نامايان بولدى، بەيشا تېغى خۇددى غايەت زور ئەجدىھادەك توغرىسىغا سوزۇلۇپ ياتقانىدى، تاغنىڭ ئېتىكىدە 36 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بەيشا كۆلى خۇددى كۆك ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. كۆل بويىدا، رەڭدار لېنتا چىگىپ چىرايلىق بىزەلگەن نەچچە يۈز ئاق قوتاز ساھىلدا ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل كۆرۈنەتتى، چارۋىچىلار ساياھەتچىلەرنى بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشتە سۈرەتكە تارتىپ ئالدىراش ئىدى. «ئىلگىرى بىز ئاساسلىقى چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، ھازىر ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە قوتاز يېتىلەپ بىر كۈندە 300 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن» دېدى بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىكى چارۋىچى ئەلى ئەكبەر.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.
مۇخبىر داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، يىراقتىكى دېڭىز يۈزىدىن 3600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قارا كۆلنىڭ مۇزتاغ چوققىسى ئېتىكىدە ياتقانلىقىنى كۆردى. كۆل سۈيى نۇرغا ئەگىشىپ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇراتتى، سەھەر ۋە گۇگۇمدا زۇمرەتتەك يېشىل، چىڭقى چۈشتە ياقۇتتەك كۆك كۆرۈنەتتى. مەنزىرە رايونىدا چارۋىچىلار چىرايلىق بېزەلگەن تۆگىلەرنى يېتىلەپ ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشى ئۈچۈن تەييارلىدى. «ئىلگىرى پامىر ئېگىزلىكىنى ناھايىتى يىراق ھېس قىلاتتىم، ھازىر ئۇ كۆركەم، گۈزەل ھەم ئىللىق تۇيۇلىدۇ، بۇنداق گۈزەل كۆلنى كۆرۈپ، قەلبىم پاكلانغاندەك بولدۇم» دېدى بېيجىڭدىن كەلگەن ليۇ خانىم.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاراكۆل مەنزىرە رايونىدا تۆگە مىنىپ ساياھەت قىلماقتا.
ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان گوڭگۇر تېغى، مۇزتاغ چوققىسى، قاراكۆل، بەيشا كۆلى قاتارلىق ساياھەت ئورۇنلىرى تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، كىشىلەر بۇ يەردە قەدىمىنى توختىتىپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىدىن بەس-بەستە ھۇزۇرلاندى. بۇ مەنزىرە رايونلىرى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىر ئەتراپىدا، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «بۇلۇتلار ئارىسىدىكى گۈزەل مەنزىرە» ھېسابلىنىدۇ.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونىدا داكا قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى شىڭگۇاڭ تونىلىدا سەيلى-ساياھەت قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن«پامىر ئېگىزلىكى مەنزىرە ساياھىتى» ۋە «پامىردىكى قىرغىزلارنىڭ ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى»نى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، بەيشا كۆلى ۋە قاراكۆل مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، نۆۋەتتە كۈندە كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى