يامغۇر يېغىپ دەل-دەرەخلەر كۆكىرىپ
بارلىق جانلىقلار ئويغاندى
4-ئاينىڭ 20-كۈنى
بىز باھارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۇمى
قىزىلكوس مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدۇق
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ناراتتىكى بوشلۇقتىكى يايلاقتا، ياۋا گۈلسامساق دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بىپايان ئوتلاقتا پورەكلەپ ئېچىلدى.
مەنبە: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
بۇ مەۋسۇمدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىپ
ھەممە يەر باھار تۈسىگە كىرىدۇ
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچىسىدا شاپتۇل چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.
مەنبە: بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
قىزىلكوس مەۋسۇمىدە، مەنزىرىلەر خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ
رەڭگارەڭ گۈل-چىچەكلەر بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىدۇ
4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۇن ئوتتۇرا يولى بىلەن خېڭدا كوچىسىنىڭ كېسىشكەن جايىدا شاپتۇل چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
دېھقانلار ئىللىق باھار پەيتىنى قولدىن بەرمەي دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولدى
ئېتىز باشلىرىدا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى
كۈنسېرى گۈللەپ ياشناۋاتقان دالىلار كىشىلەرنى مول ھوسۇل ئېلىش گۈزەل مەنزىرىسىگە تەقەززا قىلدى
4-ئاينىڭ 11-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يۈەنخۇسۇن بازىرى شياسەنگۇڭ كەنتىدە، دېھقان ئۆسۈملۈك قوغداش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىدىن پايدىلىنىپ، بۇغدايلارنى ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە پەرۋىش قىلماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى
ئەمدى
شىنجاڭدا ھاۋارايى قانداق بولىدۇ
بىللە كۆرۈپ باقايلى ↓↓↓
4-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ، كېيىن يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 12دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتقان قىرو ئۈششۈكىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش نازارىتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 18دە گېئولوگىيە ئاپىتى ھاۋارايى خەۋپ-خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى سىگنالىنى بىرلىكتە تارقاتتى.
ھاۋارايى تەسىرىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە خېيىم-خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئەسكەرتمىسى:
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار-يامغۇر ياغىدۇ، بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ ھەم جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، چارۋىچىلىق، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
قىزىلكوس مەۋسۇمى يېتىپ كېلىش بىلەن
تېمپېراتۇرا داۋالغۇشى چوڭ بولىدۇ، بۇ، ئاسانلا ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ:
بۇ مەۋسۇمدە
«ئەتىيازدا مۇۋاپىق كىيىنىش»تىن ئىبارەت كۈتۈنۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك
بەدەننى مۇۋاپىق ئىسسىق ساقلاش ئارقىلىق سوغۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
ھەم زىيادە قېلىن كىيىنىپ «ئەتىيازدا بەدەنگە ئىسسىقلىق ئۆرلەش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
قىزىلكوس مەۋسۇمىدە مۇۋاپىق كۈتۈنگەندە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ
شەنياۋ، دۇڭگۇا، جۈزە پوستى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ
شۇنىڭ بىلەن بىللە، خام، سوغۇق ۋە ياغلىق نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك
تەيجى گۇمپىسى، ئاستا يۈگۈرۈش، ئاستا مېڭىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر
بەدەننى يۇمشىتىدۇ
ۋە ئازراق تەرلىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ، روھىي ھالەتنى ياخشىلايدۇ
مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
سىزنىڭ باھار پەسلىنى قولدىن بەرمەي، ياخشى كۈتۈنۈپ
باھار ئېلىپ كەلگەن گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىپ
پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى