تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ، ئوغلانلارنىڭ ئورتاق خىسلىتى

«قىزىتمىمىز ئۆرلەپ قالمىغان بولسا، بىزمۇ بۇ ئىشنى دېمىگەن بولاتتۇق.» بۇ، شىنجاڭلىق يىگىت ئابدۇكېرىم ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھىنىڭ «كېلىشىم»ى ئىدى، بىراق ئۇ دەۋاتقان ئىش كىچىك ئىش بولماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىدى.

يېقىندا، شەندۇڭ جىنەندىكى شىنجاڭلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى جىنەن شەھىرى چاڭچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى تارقاتقان ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن، بىر ئاي ئىلگىرى ئۇلارنىڭ جىنەن يۈەنبويۈەن باغچىسىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قېيىنئانا ۋە كېلىننى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزۇشتەك ھەققانىي ھەرىكىتىدىن كۆپچىلىك خەۋەر تاپتى. ئەمما ئۇلار ئادەم قۇتقۇزۇشنىڭ تەپسىلىي جەريانىنى ئەسلىگەندە، ئازراق تارتىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مۇزدەك كۆل سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزغاچقا، قىزىتمىمىز ئۆرلەپ كېتىپ رۇخسەت سوراشقا توغرا كەلدى، شۇڭا يېتەكچىمىزگە بۇ ئىشنى دېدۇق.

جىنەندىكى سوغۇق كۆل سۈيى شىنجاڭلىق ئوغلانلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، باتۇرلۇقى ۋە قىزغىن شىجائىتىگە گۇۋاھ بولدى، يىگىتلەرنىڭ كەينى ـ كەينىدىن قىلىنىۋاتقان زىيارەتلەر ۋە ماختاشلار ئالدىدىكى بۇ خىل سەمىمىيىتى، كەمتەرلىكى ۋە باش تارتماس پوزىتسىيەسى كۆپچىلىكنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈردى. تورداشلار «شىنجاڭلىق ئوغلانلار يارايدۇ» دەپ سۆز قالدۇردى، تونۇش بولغان بۇ ماختاشلار يۇرتداشلارنىڭ ئۈچ يىگىتنى چىن كۆڭلىدىن مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى بولۇپ، بۇ، شۇ دەقىقىدە يەنە تورداشلارنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسىنى ئويغاتتى: خۇبېي شيەنتاۋدا ئاق ئاتقا مىنىپ سۇ كېچىپ ئادەم قۇتقۇزغان ئېلباي دوسىمبېك، جياڭسۇ چاڭجوۋدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن شوپۇرنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان «كاۋاپچى يىگىت» سېيىتئەزىز نۇرمەمەت، جياڭشى نەنچاڭدىكى چاڭبېي خەلقئارا ئايروپورتىدا يارىدارنى قۇتقۇزغان پاتىگۈل ئابلىمىت... شىنجاڭلىقلارنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى.

بىر جاينىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇ جايدىكىلەرنى باقىدۇ، شىنجاڭ كەڭ كەتكەن بىپايان تۇپرىقىدا خۇشخۇي، مەرد، قىزغىن، سەمىمىي ھەر مىللەت قېرىنداشلارنى بېقىپ كەلدى. بۇ خىل خۇشخۇيلۇق، مەردلىك گەپ ـ سۆزلەردىكى تۈز كۆڭۈللۈك، خۇشال كەيپىياتتىكى ناخشا ـ ئۇسسۇللاردا ئىپادىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئۆز پايدا ـ زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماي، جان پىدالىق كۆرسىتىلگەن ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئىپادىلەندى. ئېلباي دوسىمبېك ئادەم قۇتقۇزغاندا ياخشى ئېتىنى سۇغا چۈشۈرۈش ـ سۇغا چۈشۈرمەسلىكتىن ئەنسىرىمىگەندەك، ئۈچ يىگىت ئادەم قۇتقۇزغاندىن كېيىنمۇ ھەممىلا جايدا داۋراڭ سالمىغاندەك، ھەربىر «شىنجاڭلىق ياخشى كىشى» ئادەم قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشقا دۇچ كەلگەندە «قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى قىلدۇق» دەپ ئورتاق جاۋاب بەردى.

بۇنداق ئىنتايىن ئاددىي ھەم قىممەتلىك ئېتىقاد «ئوغلان»لارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ھەممە جايىدا ئاددىي كىشىلەرنىڭ جىسمىدىن نۇر چاقناتقىنىدا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداشلىق مېھرى بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ، تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.