تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ۋەنخۇايۈەندە ئەڭ گۈزەل گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

ھال رەڭ قىزىلگۈل، سۇس سۆسۈن رەڭلىك چۆل يالپۇزى گۈلى، ئالتۇن رەڭلىك بەنلەنگېن گۈلى، ئاق رەڭلىك ئاق چوغلۇق گۈلى... كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە بازىسىنىڭ كۆرگەزمە تاختىسىدىكى تۈرلۈك جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ چېچەكلىگەن سۈرىتىنى كۆرگەندە، كىشى ئىختىيارسىز ھالدا ئۈمىد بىلەن: بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بۇ قۇملۇق گۈل دېڭىزىغا ئايلىنارمۇ؟ دېگەن ئويغا كېلىدۇ.

جاۋابى: جەزمەن شۇنداق بولىدۇ.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ «جۇڭگو توشقانزەدىكى ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئەڭ بۇرۇن ئىزدەنگەن رايونلارنىڭ بىرى، ناھىيە بويىچە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 214 مىڭ موغا يېتىپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن بىرقەدەر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت ۋەنخۇايۈەن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بازىسىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى ئەمەلىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ.

كېرىيە ناھىيەسىدە سىز كادىرلار، ئاممىنىڭ دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، دادىل سىناق قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچىدىغان روھىنى ھېس قىلالايسىز. شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغاندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى دادىل ئىزدىنىپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، كوللېكتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلار نەپ ئېلىش، قۇم تىزگىنلەش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»تەك كېرىيە ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈردى ھەم پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشتۇردى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن ـ ئاخىر ئامما بىلەن بىللە بولدى، مەيلى قۇم تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە بولسۇن ياكى ئېتىز باشلىرىدا بولسۇن، ئۇلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاممىنىڭ تايانچىسى بار بولدى، كۆپچىلىك قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭسىلا، ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

ئىلگىرىكى ۋەنخۇايۈەن قۇم بارخانلىرى دېڭىزغا ئوخشايدىغان ئادەمسىز رايون ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ۋەنخۇايۈەن ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ رايونىغا قاراپ يۈزلەندى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ جاي خۇددى ئۆزىنىڭ نامىغا ئوخشاش، «ھەممە گۈللەر بەس ـ بەستە ئېچىلىش»تەك جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.