□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى سائەت 10دا، قۇياش كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە بازىسىغا ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، رەتلىك تىزىلغان قاتار ـ قاتار قارا رەڭلىك تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىلىرى يىراققا سوزۇلغان بولۇپ، خۇددى تەكشى كەتكەن قۇملۇققا سىزىلغان بەش سىزىقلىق نوتىغا ئوخشايتتى.
55 ياشلىق روزى يۈسۈپ كىلاپاننى ئاچتى، سۈپسۈزۈك سۇ تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنىڭ كىچىك تۆشۈكچىلىرىدىن تەدرىجىي ئېتىلىپ چىقىپ، قويۇق سۇ تۇمانى شەكىللەندۈردى، يىراقتا يېڭىدىن تىكىلگەن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى يۇمران بىخ چىقارغان بولۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
«يەنە بىر ئاي ئۆتسە، بۇ جايدا پارچە ـ پارچە يېشىللىقلارنى كۆرگىلى، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىغىلى بولىدۇ» دېدى روزى تەلپۈنۈش ھېسسىياتى بىلەن.
روزى كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى يارمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بىر ئاي ئىلگىرى، ئۇ شىنجاڭ تيەنيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە بازىسىدا سېرىق بۇيا، بەنلەنگېن، قالقانگۈل، چۆل يالپۇزى، ياۋا چىلان قاتارلىق 36 خىل جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈشكە باشلاپ، سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قۇملۇقتا ئۆستۈرۈشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان سورتلارنى تېپىپ چىقىپ، قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.
30 يىل يەر تېرىغان بولسىمۇ، بۇ، روزىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بىلەن ھەپىلىشىشى ئىدى، مايسىنى قانداق تىكىش، ئۇرۇقنى قانداق سېلىش، قانداق سۇغىرىش كېرەك؟ ئۇ بۇ جەھەتتە تەجرىبىسىز بولۇپ، 36 خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالى ئىچىدە، پەقەت بەنلەنگېننىلا ئاڭلاپ باققانىدى.
«گەرچە مەن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئەسلا بىلمىسەممۇ، لېكىن ئىزچىل زىرائەت ئۆستۈرۈپ كەلدىم، بۇ گۆھەرلەرنى پەرۋىش قىلىش بىلەن زىرائەت ئۆستۈرۈشنىڭ ئوخشاشلىقى بار، پەقەت ئۆگىنىشنى خالىساملا ئۆگىنىۋالالايمەن» دېدى روزى ئىشەنچ بىلەن.
تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، روزى ئالدى بىلەن ئۇرۇق سېلىشنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇرۇقنى توپىغا كۆمۈش چوڭقۇرلۇقى ئۇرۇق دىيامېتىرىنىڭ 25 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، تۇپراق قاتلىمى بەك تېيىز بولسا، يىلتىز سىستېمىسى يىلتىز تارتالمايدۇ، بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتسە، ئاسان بىخلانمايدۇ.
روزى گۈرجەك بىلەن قۇمساڭ تۇپراقنى كولاپ، چوڭقۇرلۇقىنى ھېسابلاپ، ئۇرۇقنى قۇمساڭ تۇپراققا سېلىپ، ياخشى كۆمۈپ، ئاندىن تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى بىلەن قۇمساڭ تۇپراقنى تولۇق سۇغىرىپ، ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.
«يالپۇز، ئاق چوغلۇق، مودەنگۈلنى سۇغا بەكرەك قاندۇرۇش كېرەك، ئەگرىسۇناي، چۆل يالپۇزىنى ئازراق سۇغىرىش كېرەك.» روزى ھەربىر خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالىغا سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى كاللىسىغا ئورنىتىپ، ھەر كۈنى چارلاپ تەكشۈرگەندە قۇم ـ توپىنى ئېچىپ، سۇ تەركىبى ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەتىياز پەسلىدە قۇم ـ بورانلىق ھاۋارايى ۋە بورانلىق ھاۋارايى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، ئەمدىلا بىخلانغان كۆچەتلەرنىڭ قۇم ـ بورانغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، روزى خىزمەتداشلىرى بىلەن بازىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، ئېگىزلىكى 1.6 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 3200 مېتىر كېلىدىغان ئېگىز تىكلىمە قۇم توسۇقى ياساپ، مۇداپىئە قىلدى. «بەزىدە ئىسسىق شامال يەنىلا كۆچەتلەرنى قۇرۇتۇپ قويىدۇ، ۋاقتىدا بايقاپ، تولۇقلاپ تېرىپ، پۈتكۈل بازىدىكى كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېدى روزى.
ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە بازىسىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىچىدە ئونى يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بولۇپ، كۆپچىلىك ئىشىك ئالدىدا ئىشلەيدىغان بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، قىسقىغىنا بىر ئايدا ئۇلار كۈندىلىك پەرۋىش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىدى.
«ئائىلىمىزنىڭ توققۇز مو يېرى بار، ئاساسلىقى بۇغداي ۋە قوناق تېرىيمىز، كىرىمىمىز ئاز. ھازىر بازىدا ئىشلەۋاتىمەن، ئايلىق مائاشىم 2800 يۈەن، يىللىق كىرىمىمنىڭ بىر ھەسسە ئېشىشىدىن ئۈمىد بار» دېدى روزى.
گەپ ئارىلىقىدا، تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، ئېتىزدىكى تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى، شىنجاڭ تيەنيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ گويىڭ دەرھال روزى ۋە باشقا ئىشچىلارنى چاقىرىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى بىرلىكتە رەتلىدى.
بۇلتۇر كۈزدە قۇملۇقنى تۈزلىگەندىن باشلاپ، بۇ يىل 3 ـ ئايدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرگەنگە قەدەر، شۈ گويىڭ ھەر كۈنى ئېتىزدا يۈرۈپ، يۈزى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتتى.
«شىركىتىمىز 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ۋەنخۇايۈەندە 1000 مو يەرگە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى سىناق قىلىپ ئۆستۈردى. بىر سورتنى ئون مو يەردە سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈش پىلانى بويىچە، بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە، بىز كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تاللاپ چىقىپ، تەدرىجىي كۆلەملەشتۈرۈپ كېڭەيتىمىز.» شۈ گويىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش بۇ جاينىڭ قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە بازار خەۋپ ـ خەتىرىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.
2024 ـ يىلى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى 40 مىڭ مولۇق ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، قۇملۇق قىزىلگۈلى ۋە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ۋەنخۇايۈەننى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.
«نۆۋەتتە، 36 خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىدۇق، كۆپ قىسمى بىخ چىقىرىپ بولدى. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز 6 ـ، 7 ـ ئايدىكى قۇرغاق، ئىسسىق شامالنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىنى توپلايمىز» دېدى شۈ گويىڭ.