− مىڭ يىللىق قەدىمىي يولنى قوغداۋاتقان ئاۋانگارت ساقچىخانا پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى توغرىسىدا (2)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
ۋاخان كارىدورىنىڭ جۇڭگو بۆلىكىدىكى كىرىش ئېغىزى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەفتەر يېزىسى ئاقجەيلى كەنتى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، شىمالدا تاجىكىستان، غەربتە ئافغانىستان، جەنۇبتا پاكىستان بىلەن قوشنا، كىشىلەر بۇ جاينى «خوراز چىللىسا تۆت چېگراغا ئاڭلىنىدۇ» دەپ سۈپەتلەيدۇ.
شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى ئاقجەيلى كەنتىنى قوغدايدۇ، تەۋەلىك رايونىنىڭ كۆلىمى 2500 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 197.4 كىلومېتىر كېلىدۇ، خەلق ساقچىلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن ئۆتىدۇ، ئۇلار مىڭ يىللىق قەدىمىي يول ۋاخان كارىدورىنى بىرلىكتە قوغداپ، نۇرغۇن ئېسىل داستاننى قالدۇردى.
«ئوغلۇمنى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتىم، خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىللە ۋەتەننى قوغدايدۇ»
4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتە، ئاقجەيلى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چالباي ئارىكبا قوتانغا كىرىپ، تۇغۇش ئالدىدىكى قوتازنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئويلىمىغان يەردىن موزاي تۇغۇلۇپ بولغانىدى، پۈتۈن بەدىنى تېخى قۇرىمىغان بولۇپ ئىنەك قوتازنىڭ يېنىدا ياتاتتى. ئۇ دەرھال يان تېلېفونىنى ئېلىپ پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ماناس ئىلياسقا تېلېفون قىلىپ، خۇشال ھالدا: «تۇغۇلدى، تۇغۇلدى» دېدى.
ناھايىتى تېزلا، ماناس خىزمەتداشلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى. ماناس ئالدىنقى كۈنى چالباينىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بېرىپ، بىرنەچچە قوتازنىڭ تۇغۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنەكنىڭ تۇغۇشىغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن قوتاننى تازىلاپ بىر پارچە قۇرغاق، ئىسسىق جاي تەييارلىشىغا ياردەملەشتى، ماڭىدىغان چاغدا: «نېمە ئىش بولسا دەرھال تېلېفون قىلىڭ» دەپ قايتا - قايتا تاپىلىدى.
ئىنەك قوتازنىڭ ئوڭۇشلۇق موزايلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ماناس خىزمەتداشلىرى بىلەن يېنىك دەسسەپ چالباينىڭ يېنىغا كېلىپ، پەس ئاۋازدا پاراڭلاشتى: «تاغا، قوتازنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ؟» «ياخشى، ياخشى».
ئارقىدىنلا، ئۈچەيلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قوتاننى دېزىنفېكسىيە قىلدى، ئىنەك قوتازغا ئىسسىق سۇ بەردى، موزاينى ئېيتىپ قۇرۇتتى... ئىشنى تۈگەتكەندە قۇياش پاتاي دەپ قالغانىدى. چالباي ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، قوينىدىن بىر كىچىك دەپتەرنى ئالدى، ئاندىن دەپتەر قېپىدىن ئىككى پارچە رەڭسىز سۈرەتنى چىقىرىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ: «بۇلتۇر 6 - ئايدا، مەن تاغدا مال بېقىۋاتقاندا، خەلق ساقچىلىرى تاغقا مېنى يوقلاپ كېلىپ، چاي ئەكىلىپ بېرىپ، بىللە سۈرەتكە چۈشتى، بۇ سۈرەتتىكىسى مەن بىلەن ماناس، بۇ سۈرەتتىكىسى مەن بىلەن شياۋجەي».
ئىككى پارچە سۈرەت سەل تۇتۇق بولۇپ، بۇرجەكلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن، ئارقا تەرىپىگە خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىسمى ۋە يان تېلېفون نومۇرى يېزىلغانىدى. «ئەينى چاغدا مەسئۇلىيەت رايونىدىكى بارلىق چارۋىچىلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشى بولسا بىزنى ئىزدىشىگە قولايلىق ياراتتۇق، ئىدارىدە سۈرەت قەغىزى بولمىغاچقا، A4 قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ كۆپچىلىككە بەرگەنىدۇق» دېدى ماناس.
«مەن 65 ياشقا كىردىم، ئون نەچچە يىل كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدۇم، ساقچىخانىدىكى نەچچە تۈركۈم خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تونۇيمەن، ئۇلارنىڭ ئامما ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ». چالباي مۇنداق دېدى: بەزى خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ چارۋىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ياۋايى يىرتقۇچ قۇشلار بىلەن ئېلىشتى؛ بەزى خەلق ساقچىلىرى قاپسىلىپ قالغان يۇرتداشلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۈچ كېچە - كۈندۈز پىيادە ماڭدى؛ بەزى خەلق ساقچىلىرى يۇرتداشلارغا دورا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تاغ - داۋانلاردىن ئاشقاندا، پۇت - قولى ئۈششۈپ قالدى...
«بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ئوكسىگېن كەمچىل بولغاچقا، مېۋىلىك كۆچەتنى تىكىپ ئەي قىلىشمۇ تەس، يېگۈدەك ياخشى نەرسە، ئوينىغۇدەك ياخشى جاي يوق، خەلق ساقچىلىرى ئاتا - ئانىسى، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇ جايغا كېلىپ بىزنى قوغداۋاتىدۇ، خەتەر كۆرۈلگەندە بىرىنچى بولۇپ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.» چالباي قولى بىلەن كۆز چاناقلىرىدىكى ياشنى سۈرتتى، «مەن ئۇلارغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيمەن، ئوغلۇمنى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتىم، خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىللە ۋەتەننى قوغدايدۇ».
ئاممىنىڭ خەلق ساقچىلىرىغا بولغان ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىشەنچى كىچىك - كىچىك ئىشلاردىن جۇغلاندى. ئاقجەيلى كەنتىدە، ھەممە ئائىلىدە چېگرا قوغدىغۇچى بار، ئۇلار چېگرانى خالىسانە قوغداۋاتىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن ئائىلىدە نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغدىدى، چېگرا لىنىيەسىدە «ھەممە ئائىلە قاراۋۇلخانا، ھەممە كىشى قاراۋۇل» دەيدىغان ئورتاق تونۇش شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەرقانداق كىچىككىنە شەپىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇشۇنداق ۋارىسلىق قىلىشى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كەڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى، دۆلەت چېگرا قوغدىغۇچىلارغا مائاش تارقىتىپ، ياردەم پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ چېگرانى قوغدىشىغا، لېكىن بۇ سەۋەبتىن «نامرات» بولۇپ قالماسلىقىغا ياردەم بەردى. پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى چېگرا قوغدىغۇچىلارغا دائىملىق غەمخورلۇق قىلىپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قەرەللىك تەشكىللەپ، چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىنىڭ چېگرانى قوغداشقا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
«دۆلىتىمىزنى قوغداۋاتىمەن، قوي - كالىلىرىمىزنى قوغداۋاتىمەن، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن»
«تاغ جىلغىسىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، سىرتقا تۇتىشىدىغان نۇرغۇن تاغ ئېغىزى بار، بىز ئىزچىل تۈردە چېگرا قوغدىغۇچىلار، خەلق ئەسكەرلىرى، چارۋىچىلار قاتارلىق كۈچلەرنىڭ ياردىمىدە، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ كەلدۇق» دېدى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى پېڭ مىڭيوۋ قۇم مودېلىدىكى سان - ساناقسىز جىلغىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
30 يىل ئىلگىرى چېگرا قوغدىغۇچى بايىك خەنجەر مال بېقىۋاتقاندا ئۈچ گۇمانلىق كىشىنى بايقىدى، ئۇ ئەھۋالنىڭ باشقىچىرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۈچ كىشىنى كىگىز ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ تۇتۇپ قالدى، يەنە باھانە تېپىپ، بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى «قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان تېلېفون» بار جايغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى ھەم چېگرانى قوغداۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈش ۋەقەسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملەشتى.
2018 - يىلى، پېڭ مىڭيوۋ پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىغا يۆتكىلىپ كەلدى، ئۇ بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بايىكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلدى ھەم ئۇنىڭدىن ئەينى چاغدا قورققان - قورقمىغانلىقىنى سورىدى، بايىك قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «سىلەر قوغداۋاتقاچقا، بىز تاغدا چارۋا بېقىشقا جۈرئەت قىلالايمىز. دۆلىتىمىزنى قوغداۋاتىمەن، قوي - كالىلىرىمىزنى قوغداۋاتىمەن، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن!»
ساقچى كۈچى چەكلىك، خەلقنىڭ كۈچى چەكسىز. پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ساقچىلىرى زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا تۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ساقچىلار بىلەن خەلق بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ۋەتىنىمىز چېگرا رايونىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى مەھكەم قوغدىدى، تەۋەلىك رايونىدا ئۇدا 12 يىل چېگراغا چېتىشلىق دېلو - ۋەقە يۈز بەرمىدى.
خەلق ساقچىسى ئابلىمىت ئاۋۇتنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىدىن يۆتكىلىپ كەتكىنىگە توققۇز يىل بولغانىدى، 2023 - يىلى، ئۇ يەنە ئىلتىماس قىلىپ قايتىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ تەۋەلىكتىكى ئاممىغا زادىلا قىيالمىغانىدى. «ئىلگىرى قاتناش تەرەققىي قىلمىغاچقا، خەلق ساقچىلىرى چېگرا چارلاشتا پەقەت پىيادە ماڭاتتى، بىر قېتىم تاغ ئىچكىرىسىگە كىرىشكە ئون نەچچە كۈن كېتەتتى، كەچتە چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە قونۇپ قالاتتى. بۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن يۇرتداش دائىم ماڭا تېلېفون قىلىپ، قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى» دېدى ئابلىمىت.
ئەسلىدىكى ئورۇنغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئابلىمىت ساقچىخانىنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكىلەشكەنلىكىنى بايقىدى. ۋاخان كارىدورىدا نۇرغۇن يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى بار، ھەر يىلى يازدا، يېقىن ئەتراپتىكى ئۈچ يېزا - بازاردىكى 500دىن ئارتۇق چارۋىچى نەچچە مىڭ چارۋىنى ھەيدەپ يايلاق كۆچىدۇ، چارۋىلار ئاسانلا چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، يوقاپ كېتىدۇ، ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى «بىر مەيدانغا بىر ئارخىپ، بىر جايغا بىر تىزىملىك، بىر جىلغىغا بىر خەرىتە» مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ قوي - كالىلارغا ئارخىپ تۇرغۇزدى، قابىل ساقچى كۈچلىرىنى چارۋىچىلار بىلەن بىللە چېگرا لىنىيەسىدە ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار قانۇن - نىزام تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرادىن ئۇقۇشماي ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى، يەنە ساقچىخانىنىڭ ھويلىنى قوغدايدىغان ئاپشاركىسىنى دائىم چارۋىچىلارغا ئارىيەتكە بېرىپ، يايلاق كۆچۈشىگە ياردەملەشتى.
«چارۋىچىلىق مەيدانىدا نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش قولايسىز بولغاچقا، خەلق ساقچىلىرى چارلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىزگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئالغاچ كېلىپ، چوڭ قىيىن مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى» دېدى چارۋىچى بارەك جاسارەت.
«ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشتە ھەربىر خەلق ساقچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى بار.» پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى چېن جۈنفېي مۇرات تۇرسۇننىڭ دائىم ياشانغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئائىلىلەردىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى؛ جەي مىڭخۇينىڭ ئىشلارنى ئىنچىكە ئويلايدىغانلىقىنى، ھەر قېتىم زىيارەت قىلغىلى بارغاندا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋالىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىمقى بايراملاردا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بالىلارغا قىزىل بولاق بېرىدىغانلىقىنى؛ خۇ نەيباڭنىڭ دائىم تاغ ئىچكىرىسىگە كىرىپ چارۋىچىلارنىڭ قان بېسىمى، قان شېكىرىنى ئۆلچەپ قويىدىغانلىقىنى... پىششىق بىلىدۇ.
پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەتتا يەسلىدىكى كىچىك دوستلارمۇ ئېسىدە چىڭ ساقلىغانىدى. ئاقجەيلى كەنتى يەسلىسىدىكى چوڭ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى زافىنە ئەشمەنبەت پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ساقچى تاغىلىرىمىز ھەر كۈنى بىزنى قوغدايدۇ، دائىم يەسلىگە كېلىپ بىزگە ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئوينايدۇ، بىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىدۇ، ساۋاتلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئۇلار بەك ياخشى!»
«ساياھەتچىلەرنىڭ تەرىپلىشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا ئورناپ كەتكەن كۈرەش گېنىمىزنى ئۇرغۇتتى»
4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، خېنەندىكى ياش شياۋچى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كۆرسەتتى. نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئاتاباي نىيازخۇجا بۇنى كۆرۈپ، خۇشال بولۇپ كۈلدى.
2023 - يىلى 6 - ئايدا، شياۋچى ۋاخان كارىدورى ئەتراپىغا ساياھەتكە كېلىپ، بىر تاغ باغرىدىن ئۆتكەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، دەريا يولىدا مىدىرلىيالماي يېتىپ قالدى، يەنە يۇقىرى ئېقىندا تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن قارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان كەلكۈندە قاپسىلىپ قالدى، ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشلىتىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بەكلا توڭلاپ كەتكەنلىكىدىن ھەم ئاغرىق ئازابىدىن ھوشىدىن كەتتى.
پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى دەرھال ساقچى كۈچى ئەۋەتىپ شياۋچىنى ئىزدەپ تاپتى، بىرنەچچە خەلق ساقچىسى بېلىگە بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى باغلاپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى، لېكىن نەچچە قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ، سۇ دولقۇنى ئۇلارنى چېكىندۈردى. ئاتاباي يەكەن دەرياسى بويىدا چوڭ بولغان، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بولغاچقا، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن توغرىسىغا تارتىلغان ئارقانغا ئېسىلىپ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئاز - ئازدىن ئىلگىرىلىدى، دەريا سۈيى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولغاچقا، ئۇ چىشىنى چىشلەپ تەستە شياۋچىنىڭ يېنىغا كەلدى.
قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، شياۋچى ئاتابايغا ۋىيشىندا كۆپ قېتىم رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر مېنىڭ شەپقەتچىم، مەن سىلەرنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايمەن».
پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن يادىكارلىق بار. «شۈەنزاڭنىڭ نوم ئېلىپ شەرققە قايتىش قەدىمىي يولى» خاتىرە مۇنارى، دەۋرى نامەلۇم تۇر خارابىسى، مىنگو دەۋرىدىكى چېگرا قوغداش كونا گازارمىسى، ھازىرقى زاماندىكى چېگرا قوغدىغۇچىلار قالدۇرغان چېگرا تېشى قاتارلىقلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى ۋاخان كارىدورىغا بېرىپ بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.
ساياھەتچىلەرنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى مەنزىرە نۇقتىلىرى، داكا نۇقتىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، چارلاشنى كۈچەيتتى. ۋاخان كارىدورى چېگرادىكى ئالاھىدە كونترول قىلىنىدىغان رايون بولغاچقا، سىرتقا ئېچىۋېتىشكە بولمايتتى، ساياھەتچىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن، ساقچىخانا ئىشلىتىلمەي قالدۇرۇپ قويۇلغان 3 - ئەۋلاد گازارمىنى قىزىل تەربىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋەتتى.
قىزىل تەربىيە بازىسىغا ئىلگىرىكى يىللاردا چېگرا قوغدىغان خەلق ساقچىلىرى ئىشلەتكەن يۈك ئاپتوموبىلى، جابدۇق، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار تىزىلغان بولۇپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋاخان كارىدورىدا تۇرغاندىكى خىزمەت، تۇرمۇش كۆرۈنۈشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يەنە خەلق ساقچىلىرى چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ تەسىرلىك چېگرا قوغداش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ساقچىخانا يەنە چېگرا چارلاش باش تېما قىلىنغان ئاتكرىتكىنى ئۆزى لايىھەلەپ باستۇرۇپ، «چېگرانى كۆڭلىگە پۈكۈش، ۋاخاندا ئۇچرىشىش» خاتىرە تامغىسىنى بېسىپ، خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە ساياھەتچىلەرگە تارقىتىپ بەردى.
«بىز ئەسلىدە پەقەت تېخىمۇ كۆپ كىشىنى چېگرانى قوغداش تارىخىنى چۈشىنىش، چېگرانى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنىلا ئويلىغانىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى، قىزىل تەربىيە بازىسى بىردىنلا توردا داڭ چىقاردى.» پېڭ مىڭيوۋ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ساياھەتچى دوۋيىن، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا قىزىل تەربىيە بازىمىزنى تەۋسىيە قىلدى، تاشقورغاندىكى ھەرقايسى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ھەمدە ئىلگىرى ئېگىزلىكتە چېگرانى قوغداپ ۋەزىپە ئۆتىگەن نۇرغۇن پېشقەدەم ئەسكەرلەر بەس - بەستە بۇ جايغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل تەربىيە بازىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش تېمىغا ساياھەتچىلەرنىڭ سالىمى يېزىلغان باغاقچىلار زىچ چاپلاندى. «تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسىي دەرسلىكلەردىكى يېزىقلار رېئاللىققا ئايلىنىپ كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، بۇ بەلكىم دەل تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى بولۇشى مۇمكىن، قەلبىمىزگە ھۆرمەتنى پۈكۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارغا سالام بېرىمىز» «چېگرا رايوننى قوغداش يۈكسەك شان - شەرەپ، چېگرا رايوندىكى باتۇرلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز» «جۇڭگودا تۇغۇلغانلىقىمدىن ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمگە بەخت تىلەيمەن»...
پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى دىڭ جىشياڭ كۆپ قېتىم قىزىل تەربىيە بازىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە پېشقەدەملەرنىڭ چېگرانى قوغداش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. «ساياھەتچىلەرنىڭ تەرىپلىشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا ئورناپ كەتكەن كۈرەش گېنىمىزنى ئۇرغۇتتى، بىز چوقۇم خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى ياخشى قوغدايمىز» دېدى ئۇ.