تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 120 مىليون پارچىدىن ئاشتى

​بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.51 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 120 مىليون 216 مىڭ 400 پارچە ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.51 ئاشقان؛ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى جەمئىي 1 مىليارد 809 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.54 ئاشقان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە شىنجاڭ پوچتا كەسپىدە جەمئىي ئورۇندالغان يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 240 مىليون 498 مىڭ 200 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.96 ئاشقان؛ پوچتا كەسپىدە جەمئىي ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 2 مىليارد 609 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.38 ئاشقان. شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىچىدە 5 - ئورۇندا تۇرغان.

1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە، ئورۇندالغان شەھەر ئىچى تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 21 مىليون 601 مىڭ 800 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.02 ئاشتى؛ ئورۇندالغان باشقا جايغا تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 98 مىليون 169 مىڭ 500 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.3 ئاشتى؛ ئورۇندالغان خەلقئارا\شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 445 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.28 ئاشتى.

1 - پەسىلدە شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئىچىدە، 3 - ئايدا ئىپادىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولدى، ئورۇندالغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 85 مىليون 869 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.8 ئاشتى؛ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى 888 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.44 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 42 مىليون 714 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.28 ئاشتى؛ ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى 609 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.13 ئاشتى.

ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى بويىچە تەھلىل قىلغاندا، 1 - پەسىلدە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغانلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا خوتەن ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %272.5، %78.67، %76.34 ئاشتى؛ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغانلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.41، %44.62، %43.17 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.