تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاخبارات چاتما رەسىمى | «تيەنئەنمېن» كۆرۈنۈشىنى قۇملۇققا كۆچۈرۈش

   خۇ چۇنفاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىنىڭ تەشۋىقات كادىرى، ئۇ بۇ يېزىنىڭ قۇمگال كەنتىدە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا «تيەنئەنمېن»نى كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇ «تيەنئەنمېن»نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان دېكىراتسىيە رەخت زاكاز قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز سۈرەتكە تارتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

   خەۋەر ناھايىتى تېزلا پۈتۈن كەنتكە تارقىلىپ، كەنت بايرام ئۆتكۈزگەندەك قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. بالىلىرىنى يېتىلەپ، ھەمراھىنى قولتۇقلاپ، ياشانغانلارنى يۆلەپ، ساندۇقتا ئاۋايلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىشىپ ...كەنت ئاھالىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، بەس-بەستە «تيەنئەنمېن»كۆرۈنۈشى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

   كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «تيەنئەنمېن» باشتىن-ئاخىر ھەر مىللەت ئامما كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان جاي بولۇپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.