4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى تامتوغراق كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىقتا، باغۋەنلەر نەشپۈت چېچەكلىرىنى چاڭلاشتۇرماقتا. ھازىر، بۇ ناھىيەدىكى 27 مىڭ مو يەردىكى نەشپۈت دەرىخى راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نەشپۈت چېچىكىنى شالاڭلاتتى، چاڭلاشتۇردى.
باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى ياڭاقلىققا نەزەر(4-ئاينىڭ 14-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان قاغىلىق ناھىيەسى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ھەم ئۆز جايىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى.
ما جيابىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىشچىلار گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسى يۇڭئەن يېڭى كەنتىدىكى گۇالوۋ ئۆستۈرۈش بازىسىدا گۇالوۋ ئۆستۈرمەكتە. بۇ يىل بۇ ناھىيە 37 مىڭ مو يەردە گۇالوۋ ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى.
شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىشچىلار چەرچەن ناھىيەسىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بازىسىدا توغراق كۆچىتى تىكىشكە تەييارلىق قىلماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى 129 مىڭ موغا يەتتى.
سۇ شىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ياۋا ياڭاقلىق مەنزىرە رايونىدا چارلىماقتا. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلىدى، ئەتىيازلىق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى توققۇزتارا چوڭ ئەترىتى ئوت ئۆچۈرۈش تەجرىبىسى مول ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرىنى ئېلىپ بۇ مەنزىرە رايونىنى كۈزىتىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، ئورماننىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
تېگىس فوتوسى

ئىشچىلار چاقىلىق ناھىيەسىدىكى تېتىما كۆلى 5200 مو بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش رايونىدا سۆكسۆك كۆچىتى تىكمەكتە(4-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). بۇ يىل ئەتىيازدا، بۇ قۇم تېزگىنلەش رايونى 1 مىليون 380 مىڭ تۈپ سۆكسۆك كۆچىتى تىكىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.
جاڭ دا فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
بىپايان شىنجاڭدا، باھار شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتتى. بىز يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەلەم، ھەرىكەتنى سىياھ قىلىپ، شىنجاڭنى يېشىللىققا پۈركىگەن گۈزەل مەنزىرىلەرنى پۈتۈپ چىقتۇق.
بىپايان قۇملۇق ۋە چۆللۈك بىلەن بوستانلىقلار تۇتاشقان جايدا، كىشىلەر ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان يېشىل مۇداپىئە لىنىيەسى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ئىلگىرىكى خالىغانچە زىيان يەتكۈزگەن سېرىق قۇمنى توسۇدى. يېشىللىق ئۈمىد ئۇرۇقى، ھاياتلىق مۆجىزىسى بولۇپ، كۈچلۈك تەلپۈنۈشنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھاياتلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ماكاننى قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. يېشىلىققا پۈركەش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەنى قوغداپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇردى.
يېشىللىققا پۈركەنگەن تۇپراقتا، ئۆرۈك چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى بەس-بەستە ئېچىلدى، مول ھوسۇل پەسلىدە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تارالدى؛ قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملارنىڭ ئاياغ ئىزلىرى بار بولۇپ، ئورمانلىقنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى قوغدىماقتا.
ھەممە يەرنى سېرىق قۇم بېسىشتىن ئورمانلىقلارنى تەدرىجىي كۆپەيتىشكىچە، ئېكولوگىيە توسۇقىدىن خەلقنى بېيىتىش يولىغىچە، بىزنىڭ كىچىككىنە ئىش-ھەرىكىتىمىز توختاپ قالماي، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇستەھكەم كۈچكە ئايلىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم قويدۇق. كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەپ، ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتايلى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى