1-پەسىلدە
شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى
5.8% ئاشتى
1-پەسىلدە
شىنجاڭ تۆمۈريولىدا
جەمئىي توشۇلغان يولۇچى
12 مىليون 23 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ
تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان
بۇنىڭ ئىچىدە
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە
جەمئىي توشۇلغان يولۇچى
5 مىليون 919 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئېشىپ
1-پەسىلدە تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلىگەن
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى
ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قايتا بىرىكتۈرۈپ سىغىمىنى ئاشۇرۇش
ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى قاتنىتىش
ھەپتە ئاخىرىدا لىنىيە پويىزلىرىنى كۆپەيتىش
يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە لىنىيە پويىزلىرىنى كۆپەيتىش
قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ
نۇقتىلىق كۆپەيتكەن بېيجىڭ، چېڭدۇ، لەنجوۋ
شۇنداقلا شىنجاڭ ئىچىدىكى قىزىق نۇقتىلىق يۆنىلىشلەردە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى 1008 قېتىمغا يەتكۈزۈپ
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توشۇدى
«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىلىك پىلان
4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە
«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىلىك تۆمۈريول تىرانسپورت مەزگىلى بولۇپ
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۈرۈش لىنىيەسى بېكىتىلگەن يولۇچىلار پويىزى ئاساسىدا
ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 393نى كۆپەيتىپ
يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇشنى پىلانلىدى
جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان
يولۇچىلار پويىزىدىن 166نى
«فۇشىڭ ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىن 12نى
كۆپەيتىشنى پىلانلىدى
شىمالىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان
يولۇچىلار پويىزىدىن 101نى
«فۇشىڭ ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىن 84نى
كۆپەيتىشنى پىلانلىدى
شەرقىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان
يولۇچىلار پويىزىدىن 14نى
«خېشيې ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىن 16نى
كۆپەيتىشنى پىلانلىدى
شىنجاڭ تۆمۈريولى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پويىز كۆپەيتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، ساياھەت مەخسۇس پويىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىل سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى.
كەلگۈسىدە، «تۆمۈريول + ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ۋە يول تورى دەرىجىسىنىڭ سىجىل ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى رايوننىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان سەپەرگە چىقىش تەسىراتىغا ئىگە قىلىدۇ.
1-پەسىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا جەمئىي توشۇلغان يولۇچى 12 مىليون 23 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى