تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كورلىدىكى ئۈچ يېڭىچە دېھقان ئاقىل باغ بەرپا قىلدى

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسىدا، «يىڭگۇەن سەھرا بازىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى جۇ شىڭكەي ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە شاڭجياۋنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى «يىڭگۇەن سەھرا بازىرى»دىكى ئاقىل پارنىكتا لەنمېي، شۇمېي، تەيۋەن ئۇزۇن ئۈجمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ، ساياھەتچىلەر خۇشال-خۇرام ئۈزۈۋاتاتتى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 82.5 مو كېلىدىغان، 25 ئاقىل پارنىك بار بۇ «سەھرا بازىرى»نى كورلا شەھىرىدىكى ئۈچ ياش قۇرغان.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى «يىڭگۇەن سەھرا بازىرى»دىكى ئاقىل پارنىكتا، خىزمەتچىلەر تەشتەكتە ئۆستۈرگەن ساۋمېيلارنى رەتلىمەكتە.

   بۇ ئۈچ ياش ئىچىدە، جۇ شىڭكەي بىلەن جاڭ شىڭلېي 90-يىللاردا تۇغۇلغان، فاڭ جۇڭجۈ 89-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلار ياخشى دوستلاردىن ئىدى. 

   تۆت يىل ئىلگىرى، ئۈچەيلەن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاقىل باغ بەرپا قىلىشنى قارار قىلىپ، تەيۋەن ئۇزۇن ئۈجمىسى، لەنمېي، شۇمېي قاتارلىق خاس مېۋىلەرنى كىرگۈزدى. بىراق ئىسسىق بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە بۇ مېۋىلەرنىڭ رايون خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتىغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، بۇ ئۈچەيلەن مەبلەغ كەمچىل بولۇش ۋە تېخنىكا قاراڭغۇ رايونى بولۇشتەك قوش خىرىسقا دۇچ كېلىپ، ئۆلكە ھالقىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ، تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ياخشىلاپ، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش ۋە دەل جايىدا سۇغىرىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىسىنى كىرگۈزۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش سانلىق مەلۇمات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنىڭ داۋالغۇشىنى 2 ± سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونتىرول قىلدى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، «يىڭگۇەن سەھرا بازىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى جۇ شىڭكەي شۇمېيلارنىڭ مېۋىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.   

   ئۇلار سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، پارنىكتا مېۋىلىك دەرەخلەردىكى ھەربىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى. قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا لەنمېي قاتارلىق ئەتىۋارلىق سورتلار شىنجاڭنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قۇرغاق كىلىماتىغا ماسلاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، باغچە رايونىدا «جەنۇبنىڭ مېۋىسىنى شىمالغا تېرىش» بويىچە سەككىز خىل سورتلۇق مېۋە-چېۋە خاس سېپى شەكىللەندى. بىر قىسىم مېۋىلەر ئۈزۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. «1-ماي»لىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، «سەھرا بازىرى» ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ، كۆپچىلىك مېۋە ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ، سەھرا تۇرمۇشىنى ھېس قىلالايدۇ.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر «يىڭگۇەن سەھرا بازىرى»دا ساۋمېي ئۈزمەكتە.

    كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ئۈستىدە توختالغاندا، جۇ شىڭكەي تولۇپ تاشقان ئارزۇ بىلەن مۇنداق دېدى: « <يىڭگۇەن سەھرا بازىرى>نىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز يەنە كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ خاس سورتلارنى كىرگۈزۈپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋە بولۇش، تولۇق ئاپتوماتلاشقان دەل جايىدا باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون خاس سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، كورلىدىكى ئۆستۈرۈش-سەيلە قىلىش-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش-ئۈزۈش بىر گەۋدىلەشكەن ۋاڭخۇڭ داكا نۇقتىسى بەرپا قىلىمىز.»

پات ئارىدا ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىدىغان، ئۇزۇنلۇقى توققۇز سانتىمېتىر كېلىدىغان تەيۋەن ئۇزۇن ئۈجمىسى. (4-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان)

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، «يىڭگۇەن سەھرا بازىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى جۇ شىڭكەي بىلەن جاڭ شىڭلېي ئۇزۇن ئۈجمىنىڭ مېۋىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇ شىڭكەي لەنمېي تېرىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مىنېرال سۇنىڭ ئېچىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.