تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يولنىڭ ھېكايىسى | تېكەس: بۇ يەردىكى يولنىڭ «سەككىز قىرلىق» بولۇشىنىڭ مەخپىيىتى

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە

سەككىز قىرلىقلىقى بىلەن داڭ چىقارغان بىر ئۆزگىچە شەھەر بار

بۇ دەل تېكەس

ئۇنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «تاغ - دەريالىرى گىرەلىشىپ كەتكەن كەڭ دالا»

ئېگىزدىن قارىغاندا

تېكەس سەككىز قىرلىق شەھىرى

زامان ۋە ماكان ھالقىغان غايەت زور كومپاسقا ئوخشايدۇ

سەككىز ئاساسىي كوچىسى رەتلىك

64 تارماق كوچىسى خۇددى يىپتا توقۇلغاندەك تەكشى گىرەلەشكەن بولۇپ

360 مېتىردىن كېيىن ئوخشاش بىر ئايلانما يولغا چىقىدۇ

كوچا-رەستىلەر ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ

تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۇزىراپ بارىدۇ

ھەرقايسى يوللار ئۆز ئارا تۇتىشىدۇ

يۈز يىلغا يېقىن قۇرۇش نەتىجىسىدە

ئاخىرى دۇنيا بويىچە بىردىنبىر سەككىز قىرلىق مۇكەممەل يول تورى ياسالغان

بۈگۈنكى كۈندە تېكەسكە كەلسىڭىز

ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرىدىغىنى

بۇ يەردە قىزىل-يېشىل يول چىرىقى يوق

ئايلانما يوللار بىر-بىرىگە تۇتاش كەتكەن

كوچا ئېغىزىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى يوق

رەتلىك ھەم تەرتىپلىك

بۇ جايغا قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ

بۈگۈنكى كۈندىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا

كوچا-رەستىلەر تەبىئىي تۇتاشقان بولۇپ

ئاپتوموبىللار شەھەر ئايلانما يولى ئارىسىدا ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ

تۆت پەسىلدىكى مەنزىرىسى سەككىز قىرلىق يول تورى ئىچىدە ئالمىشىپ تۇرىدۇ

ھەقىقەتەن ئەنئەنىۋى پەلسەپە بىلەن رېئال تۇرمۇشنىڭ يىغىندىسى بولۇپ

ئورتاق ياشاشنىڭ مەڭگۈلۈك سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققان

«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.