تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تۇرپانغا كېلىپ قۇملۇق ئېكولوگىيە ساياھىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەسىراتىنى ھېس قىلىڭ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇرپان شەھىرى قۇملۇق ئېكولوگىيە ساياھەت مەنزىرە رايونى قايتا بېزىلىپ تىجارەت باشلىدى. «بۇ قېتىم قايتا بېزىلىپ تىجارەت باشلاش ساياھەتچىلەرگە قۇملۇق ئېكولوگىيە ساياھىتى ئەڭ يېڭى تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى مەنزىرە رايون تىجارىتىگە مەسئۇل شىنجاڭ قۇملۇق ئېكولوگىيە ساياھىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ ۋېيبىڭ.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇرپان شەھىرى قۇملۇق ئېكولوگىيە ساياھەت مەنزىرە رايونى قايتىدىن بېزىلىپ تىجارەت باشلىدى. ليۇ جيەن فوتوسى 

  بۇ مەنزىرە رايونى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈك باغچىسى ئاساسىدا مەبلەغ سېلىپ ئېچىش ئارقىلىق قۇرۇلغان. نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى قۇملۇق ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، كارىز ئارامگاھى، قۇملۇق ھايۋانات-ئۆسۈملۈك كۆرگەزمە زالى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇ يەر چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش بازىسىغا، شۇنداقلا چۆل ئۆسۈملۈكلىرى ئىلمى بويىچە ئوقۇتۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئېكولوگىيە ساياھەت بازىسىغا ئايلاندى.

ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا. ليۇ جيەن فوتوسى

  نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى تەتقىقات-ئۆگىنىش ئۆمەكلىرىگە قارىتا كۆرەك ۋە ھېس قىلىش، پەن-تېخنىكا لېكسىيەسى، ئىلمىي تەكشۈرۈش، ئىلمىي تەجرىبە قاتارلىق مەكتەپ سىرتى ئوقۇتۇش ئەمەلىيەت دەرسىدىن ئون نەچچىنى ساقلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قۇم بىلەن داۋالاشنى ھېس قىلىش، قۇملۇقتا قونۇش، قۇملۇقتا دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەش، «ئىشەك خادىك»كە ئولتۇرۇش قاتارلىق ھېس قىلىش تۈرلىرىنى يېڭىدىن يولغا قويدى. ساياھەتچىلەر كارىز ئارامگاھىدا كارىزدىكى يېپىق ئۆستەڭ، تىك قۇدۇق قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپلا قالماي، يەنە چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش داۋامىدا، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ.

 ساياھەتچىلەر «ئىشەك خادىك»نى ھېس قىلماقتا. جاڭ زولى فوتوسى

   ھازىر، مەنزىرە رايونىدىكى پىندىق ياڭىقى چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى، جۇزغۇن، يۇلغۇنلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلماقتا. مۆلچەرلىنىشچە، 4 -ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە جۇزغۇن چېچىكى كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىدىكەن. يۇلغۇننىڭ چېچەك مەزگىلى 6-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.