تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چەت ئەل كوچىلىرىدا ئوينالغان شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى

شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن 

   2025-يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» 

   شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى مەملىكەت سىرتىدا كېڭەيتىش پائالىيىتى 

   دوناي دەرياسى بويىدىكى داڭلىق شەھەر بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى

پائالىيەت نەق مەيدانىدا ھەمتۈرتكە بولۇۋاتقانلار.    جاۋ چۇڭياڭ فوتوسى

پائالىيەت نەق مەيدانىدا 

   شادلىققا تولغان خەلق ناخشىسى «ئالمىخان» 

   قىزغىن ۋە جۇشقۇن ناخشا «شىنجاڭغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز»  

  ئورۇنلىنىپ، ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى

پائالىيەتتىكى شىنجاڭ ئۇسسۇلى 

   كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى 

   شىنجاڭ ئۇسسۇلى چەت ئەل كوچىلىرىدا ئوينالغاندا 

  تاماشىبىنلار ئۆزگىچە گۈزەل تۇيغۇلاردا بولدىمۇ؟

بۈگۈن بىرلىكتە 

   چەت ئەل كوچىلىرىدا ئوينالغان شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى

فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ئاستىدا 

   جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇسسۇل ئارتىسلىرى 

   جانلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن

   شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاممىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى

توختىماي پىرقىراش، يېنىك ئۇسسۇل قەدەملىرى 

   شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى جانلىق نامايان قىلىپ بەردى

   يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر بەس-بەستە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ

 سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى

بەزى تاماشىبىنلار رېتىمغا ئەگىشىپ 

 ھەمتۈرتكە بولۇپ تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشتى

ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت مەيدانىدا 

   مۇزىكا ياڭرىدى

   ئۇسسۇل ئارتىسلىرى 

 قىزغىن، قايناق ھېسسىيات بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ

نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى

كىلاسسىك مىللىيچە ئۇسسۇلدىن ئىجادىي يۇغۇرما نومۇرلارغىچە 

   ئارتىسلار قايناق ھېسسىياتى بىلەن 

   تىل توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلىدى

   بەزى تاماشىبىنلار ئارتىسلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئوينىدى

  يەنە بەزىلىرى سۈرەتكە تارتتى 

   تورداشلار بەس-بەستە باھا بېرىپ: 

   «تولۇپ تاشقان مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە» 

   «سىلەرنىڭ پۈتۈن دۇنياغا گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى كۆرسەتكىنىڭلارغا رەھمەت» دېيىشتى

كورېيەنىڭ كوچىسىدا 

   ئوقۇشقا بارغان خۇنەنلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئوينىغان شىنجاڭ ئۇسسۇلى 

   ئوخشاشلا كىشىلەرنى جەلپ قىلدى

ئۇسسۇلچىنىڭ سىلىق ئۇسسۇل ھەرىكىتى 

   تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى 

   ئۇلار بەس-بەستە باھا بېرىپ: «شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ جەۋھىرىنى ئىگىلەپسىز» دېيىشتى

شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن  

 ئۇسسۇل قۇياش نۇرى ۋە شەبنەم   

 ئۇسسۇل تولۇن ئاي ۋە مەيىن شامال

   ئۇسسۇل مەنىۋى ئوزۇق

ئۇسسۇل يەنە سىرتنىڭ 

   شىنجاڭنى تونۇشى 

   شىنجاڭنى چۈشىنىشى

   شىنجاڭغا مۇھەببەت باغلىشىدىكى كۆزنەك بولدى

   كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ

  «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ قىزغىنلىقى ۋە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.