تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ ۋاقىت بۆلىكىدە، جەمئىيەتكە پۈتۈن كۈن ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

    «ئاممىنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى بېيىتىش»

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ

2025-يىللىق «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش»نىڭ بىرى بولۇپ

بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى

22 مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى

ھەپتە ئاخىرى، بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە

پۈتۈن كۈن جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 126-ئوتتۇرا مەكتەپ

مەزكۇر مەكتەپنىڭ زال سىرتىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چاپلاپ

ھەپتە ئاخىرى، بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى 

   شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە

    ياز پەسلى ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 22گىچە

قىش پەسلى ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 20گىچە بولغان ۋاقىت بۆلىكىدە

 مەكتەپنىڭ زال سىرتى يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئېلان قىلغان

2025-يىللىق «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش»تا 

ئاممىنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن

ئاز دېگەندە 200 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ زال سىرتى تەنتەربىيە مەيدانىنى بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان

بۇ قېتىم ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) رايون بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق

«ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىۋېتىش» پىرىنسىپى بويىچە

شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 22 مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى

 جەمئىيەتكە پۈتۈن كۈن ھەقسىز ئېچىۋېتىپ

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا چېنىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن

22 مەكتەپنىڭ تىزىملىكى

مەنبە: ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

مۇخبىرلار: لى شياڭ، خې ۋېي

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.