ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) «جەلپكار ئوتتۇرا ئاسىيا . قورغاستىكى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە جەم بولۇش» باش تېما قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا (قورغاس) تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە قورغاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرگەزمىنى شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرىدۇ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاپپارات ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ. كۆرگەزمىدە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، جۇڭگو تاۋارلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تاۋارلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم-كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق 10 نەچچە نۇقتىلىق ساھەنى قاپلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باشلىقلار مۇنبىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق 20 نەچچە مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەت بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى (ماتېرىيال سۈرەت).
زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى