تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېگىز تاغقا تەلپۈنۈش، ئېگىز تاغقا ئايلىنىش

​− مىڭ يىللىق قەدىمىي يولنى قوغداۋاتقان ئاۋانگارت ساقچىخانا پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى توغرىسىدا (1)

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدە مۇزلۇق چوققىلار قەد كۆتۈرگەن، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.

قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ بىر قاتلىمىدا، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم يول ۋاخان كارىدورى توغرىسىغا سوزۇلۇپ ياتىدۇ. بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ھەر يىلىدىكى قىروۋسىز مەزگىلى ئاران ئۈچ ئاي بولۇپ، ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، كارىدوردىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئېگىزلىك قار - شىۋىرغىنى تاغ گەۋدىسىنى ئۇپرىتىپ، ئوت - چۆپلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ.

شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى ۋاخان كارىدورىنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان. ئەۋلادمۇئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىلار باشلامچى بولۇپ، ئاۋانگارت بولۇپ، مىڭ يىللىق بۇ قەدىمىي يولنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداپ كەلدى.

«ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە غەلىبە قىلىشىمىز، ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك»

4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جەنۇبتا گۈللەر رەڭگارەڭ پورەكلەپ ئېچىلدى، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدە بولسا باھار تېخىچە قىش قوينىدىن چىقىپ بولالمىغانىدى.

سەھەردە، قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتى ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى باشلاپ كەتتى، ئۇلار تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەقلىد قىلدى، ئادەم، ئاپتوموبىل، ئاپشاركا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ماسلىشىپ جەڭ قىلدى، شوئار توۋلىغان ئاۋازى پۈتۈن تاغ جىلغىسىدا ياڭرىدى.

ۋاخان كارىدورى جۇڭگو، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چېگراسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى. پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى كارىدورغا كىرىپ چىقىدىغان بوغۇز قىسمىنى قوغداپ تۇرىدۇ، تەۋەلىك رايونىنىڭ كۆلىمى 2500 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يەر ئاستى دەرياسى، مۇز جىلغا، قارلىق تاغ - داۋانلار زىچ جايلاشقان بولۇپ، سىرتقا تۇتىشىدىغان نۇرغۇن تاغ ئېغىزى بار. «ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە غەلىبە قىلىشىمىز، ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى بۇ ساقچىخانىنىڭ جياۋداۋيۈەنى چېن جۈنفېي.

پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت جەڭ قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، دىققەتنى ئەمەلىي جەڭگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ساقچىلارنى مەشىقلەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە زاپاس كۈچ تەشكىللەپ، مەخسۇس مەشىقنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ كەلدى.

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتى جەڭگىۋار ھالدا مەشىق قىلىۋاتقان پەيتتە، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى پېڭ مىڭيوۋ بىر ئەترەتنى باشلاپ چېگرانى چارلاش يولىغا ئاتلاندى. ساقچىخانا قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، بۇنداق چېگرا چارلاش ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىلدى. 1983 - يىلى تۇغۇلغان پېڭ مىڭيوۋ خۇنەن ئەنخۇادىن بولۇپ، ئۇنىڭ ساقچىخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىلغا يېقىن بولغانىدى، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى ئېگىزلىكتىكى پىژغىرىم ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ يېرىلىپ كەتكەنىدى.

يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئېگىزلىك مۇھىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان ۋاقتى بەش يىلدىن ئاشسا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى نىسبەتەن تۆۋەن ئورۇنلارغا يۆتكەشكە بولاتتى، پېڭ مىڭيوۋ ئەكسىچە بۇ يەردە قېلىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ۋە پېنسىيەگە چىققان خەلق ساقچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك زىيارەت قىلىپ، تەۋەلىك رايوندىكى ئەگرى - توقايلىقلارنى نەق مەيداندا چارلاپ تەكشۈردى، چېگرا توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ناھىيە تەزكىرىسىدە خاتىرىلەنگەندىنمۇ تەپسىلىي بولۇپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «تىرىك خەرىتە»ئىدى.

بۇ قېتىمقى چارلاشنىڭ مەنزىلگاھى جۇڭگو - ئافغانىستان 1 - نومۇرلۇق چېگرا تېشى ئورنى بولۇپ، ساقچىخانا بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 نەچچە كىلومېتىر كېلەتتى، يول بويى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان جايلار ئىدى. گەرچە 4 - ئاي بولغان بولسىمۇ، تاغ جىلغىسى يەنىلا قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، چارلاش ئاپتوموبىلى ئەترەت ئەزالىرىنى ئېلىپ تاغ - جىلغىلىرى ئارىسىدىن ئۆتتى، ئىچكىرىلەپ ماڭغانسېرى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگەنسېرى ھاۋا شۇنچە شالاڭلىشىپ كەتتى، ئاخىرىدا قار قېلىن، يول تېيىلغاق بولغاچقا، ئاپتوموبىللار داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدى، پېڭ مىڭيوۋ كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: «كۆز قوغداش ئەينىكىنى ياخشى تاقاپ، پىيادە ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېدى.

يۈەن شياۋ چېگرا چارلاش ئەترىتىدىكى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا خەلق ساقچىسى بولۇپ، تېخى ئىككى يىلغىمۇ يەتمەيتتى. ساقچى بولغاندىن بۇيان، ئۇ كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيدوۋ تېرمىنالىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تېزدىن يېتىلىپ كەسىپ تايانچىغا ئايلاندى. «ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن كېيىنكى يىلى 4 - ئايغىچە، پامىر تاغلىرىنى قېلىن قار قاپلاپ تۇرىدۇ، ئاقلىقىدىن كۆزنى چاقنىتىدۇ، بىز چېگرا چارلىغاندا كۆز قوغداش ئەينىكى تاقىساقمۇ كۆزىمىز يەنىلا قىزىرىپ ئىششىپ ياشاڭغۇراپ كېتىدۇ» دېدى يۈەن شياۋ.

تىزغا كەلگۈدەك قېلىن قاردا، چېگرا چارلاش ئەترىتىدىكىلەر قەدەملىرىنى تەستە ئېلىپ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، ھەربىر كىشىنىڭ كۆزى خۇددى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر بولۇپ، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىگە تىكىلىپ قاراپ، پات - پات دۇربۇنىنى چىقىرىپ يىراقلارنى تەپسىلىي كۆزىتەتتى. ۋەزىپە ئاخىرلاشقاندا، كۆپچىلىكنىڭ مەڭزى ئۇلترا بىنەپشە نۇردا كۆيۈپ ھەم قىزىرىپ، ھەم كۆكىرىپ كەتتى.

«ۋەتىنىم جۇڭخۇانىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن، مەن 40 نەچچە يىل ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلدىم، بىر ئۆمۈر ۋەتەننى سۆيۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدىم، ئىشلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلار ئۈزۈلمىدى»

يۈەن شياۋنىڭ تۇنجى قېتىم چېگرا چارلاشتىلا دېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چېگراغا بارغانلىقى، كۈچلۈك ئېگىزلىك رېئاكسىيەسىگە تاغ يولىدا سىلكىنىش قوشۇلۇپ، بېشىنىڭ ئاغرىپ پارتلاپ كېتەيلا دەپ قالغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چېگرا چارلاشتا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، جۇدۇن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك سالغاندىن باشقا، يەنە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان نۇرغۇن خەتەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ھېچكىممۇ ۋايساپ باقمىدى، سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى».

نېمە ئۈچۈن بۇنداق جاپالىق جايغا كېلىپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىمىز؟ بۇ، يۈەن شياۋ يېڭى كەلگەندە دائىم ئويلىنىدىغان مەسىلە ئىدى. مەن بوۋامنىڭ ئىزىنى ئىزدەش ئۈچۈن كەلدىم، ئۇنداقتا 80 - يىللاردا، 90 - يىللاردا، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان خىزمەتداشلىرىمچۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاۋات شەھەرلەردىن ئايرىلىپ قار قاپلىغان ئېگىزلىكنى چىڭ ساقلاشنى تاللىدى؟ بۇنىڭغا ئۇ كۆڭلىدە ئاللىبۇرۇن جاۋاب تېپىپ بولغانىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى، يۈەن شياۋنىڭ بوۋىسى جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، تىك يار، تىك قىيالاردا كۆككە تاقاشقان يوللارنى قېزىپ ئاچقان، ئۇزاق مۇددەت قار سۈيىگە چىلىنىپ تۇرغاچقا، ئىككى قولىنىڭ بوغۇملىرىنىڭ شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن. يۈەن شياۋ بوۋىسى قاتارلىق پېشقەدەم يول ياساش جەڭچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، جاپادىن قورقماي، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. 2023 - يىلى، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغان.

«چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن يول ئېچىش گەرچە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن يۈەن ئائىلىسىدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىش ھېسسىياتى ئوخشاش.» چېن جۈنفېي مۇنداق دېدى: بۇنداق ۋارىسلىق قىلىش ھېكايىلىرى پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىدا يەنە ناھايىتى كۆپ.

«ۋەتىنىم جۇڭخۇانىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن، مەن 40 نەچچە يىل ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلدىم، بىر ئۆمۈر ۋەتەننى سۆيۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدىم، ئىشلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلار ئۈزۈلمىدى.» ۋاخان كارىدورىنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر غايەت زور تاش بار بولۇپ، بوران - چاپقۇن ئۇپراتقان بولسىمۇ، ئۈستىگە ئويۇلغان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە گېربى ۋە خەتلەرنى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. «بۇنى مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى شاۋگۇن لۇڭجىكنىڭ بوۋىسى قالدۇغان» دېدى پېڭ مىڭيوۋ.

1951 - يىلى، شاۋگۇننىڭ بوۋىسى قادىر ئابدۇكېرىم دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، ۋاخان كارىدورى رايونىدا ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلدى. كېيىن، قادىرنىڭ ئوغلى، نەۋرىسى ئائىلە تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، كەينى - كەينىدىن چېگرا مۇداپىئەسىگە ئاتلىنىپ، «بىر ئائىلىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشى كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغداش»تەك داستاننى قالدۇردى.

«ھازىر ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، تاشيول چېگرا لىنىيەسىدىكى تاغ ئېتىكىگىچە ياسالدى، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ دۆڭدىن يامىشىپ ئۆتسەكلا چېگرا تېشىنىڭ يېنىغا بارغىلى بولىدۇ، پىيادە مېڭىش تەس بولغان جايلارنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن پايدىلىنىپ چارلىغىلى بولىدۇ.» شاۋگۇن مۇنداق دېدى: چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، قولدا سۆرەپ مۈرىدە كۆتۈرۈش، مۇز چوقۇپ سۇ ئېلىش، «گەمە»دە ئۇخلاش تارىخى بىلەن بۇرۇنلا خوشلاشتۇق، لېكىن تارىختىن بۇيانقى خەلق ساقچىلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇپ تۆھپە قوشۇش ئەنئەنىسى ئۆزگەرمىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئۆزگەرمىگەن ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى.

پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىدىكى كونا سۈرەتلەر ئىچىدە بىر پارچە كوللېكتىپ چۈشكەن سۈرەت ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇنىڭدا «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ۋاخان كارىدورىدا چېگرانى چارلاۋاتقان چاغدىكى كۆرۈنۈش بار ئىدى.

20 نەچچە يىل ئىلگىرى، لاچىن قوراللىق ساقچى قىسىم چېگرا مۇداپىئە قىسىمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىدا تۇرۇپ مەشىق قىلغانىدى، ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئۇ ئېگىزلىكتىكى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، تاكى 2021 - يىلى 1 - ئايدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇربان بولغانغا قەدەر داۋاملىق چېگرانى ساقلىدى، چېگرانى قوغدىدى.

«ۋەتەننىڭ چېگرا تېشى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ قوي - كالىلىرىمىز بولسۇن.» پېڭ مىڭيوۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: لاچىن قالدۇرغان بۇ سۆز چېگرانى قوغداش ئىشلىرىغا بولغان ئاددىي ئىزھار، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ چېگرانى قوغداۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىدا، نەچچە ئەۋلاد خەلق ساقچىلىرى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان پېشقەدەملەردىن ئۆگىنىپ، ئېگىز تاغقا ئېھتىرام بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، بارا - بارا ئۇلارمۇ ئېگىز تاغ»قا ئايلاندى. كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، تەۋەلىكتە ئۇدا 12 يىل چېگراغا چېتىشلىق دېلو - ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، ساقچىخانا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى.

«سىلەر ياشلىق باھارىڭلار ۋە ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى قوغدىدىڭلار، سىلەر قەھرىمان، سىلەر نەمۇنە»

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچقۇرۇن، ۋاخان كارىدورىدا ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلىدى، قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنلىغان سوغۇق شامالدا كۆزىنى ئاچقىلى بولمايتتى. ئەتىگەندە تۈگەنچى باھاردىكى ئۈششۈك بولىدۇ، چۈشتە قۇياش پارلاپ چىقىدۇ، چۈشتىن كېيىن بوران چىقىدۇ، كەچتە زىمىستان قىش بولىدۇ، مانا بۇ، بۇ يەرنىڭ ھاۋارايى خاسلىقى. چېن جۈنفېي بىلەن پېڭ مىڭيوۋ سىرتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا ئايرىم - ئايرىم تېلېفون قىلىپ، ئۇلارغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

كەچ سائەت 9لاردا، شامال توختاپ، قارمۇ توختىدى، ساقچىخانا ئاسمىنىدا ھاۋا سۈزۈلۈپ يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى. بىردىنلا، ئاشخانىدىن ئالقىش ساداسى ئاڭلاندى، ئەسلىدە ئىككى نەپەر خەلق ساقچىسى ئارام ئېلىشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، كۆپچىلىككە قەشقەر شەھىرىدىن ئېلىپ كەلگەن راڭپىزا، لەڭپۇڭ قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنى تارقىتىپ بەرگەنىدى.

بىرلىكتە مىلتىق تۇتۇپ پوستتا تۇرۇپ، جاپا تارتقان كەچۈرمىشلەر خەلق ساقچىلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق شەكىللەندۈردى. بەزى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، پۈتۈن ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئۇنىڭغا داۋالىنىش خىراجىتىنى تۇيدۇرماي غەملەپ بەردى؛ بەزى خەلق ساقچىلىرى تۇرۇشلۇق جايدا توي قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنىڭ تويىغا تەييارلىق قىلدى...

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى شۈ چىڭنىڭ خوتۇنى جۇ يىڭ تۇغقان يوقلاشقا كەلدى، ئۇ ئەنخۇيدىن بەش چوڭ يۈك - تاق ساندۇقى ئېلىپ كەلدى، ئىچىدە كۆپچىلىككە بۆلۈپ بېرىلىدىغان خاس مەھسۇلات، يەنە ئېرىگە يېڭىدىن ئالغان بىرنەچچە جۈپ تاغقا چىقىش ئايىغى بار ئىدى. «ئۇلارنىڭ بۇ خىزمىتىدە ئاياغ بەك خورايدۇ، توي قىلغىنىمىزغا بىر يىلدىن ئاشتى، مەن ئۇنىڭغا ئون نەچچە جۈپ ئاياغ ئېلىپ بېرىپ بولدۇم» دېدى جۇ يىڭ شۈ چىڭغا مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن بېقىپ.

شۈ چىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم شەخسىي 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى، توققۇز قېتىم مۇكاپاتلاندى، ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى قانچىلىك ئالدىراش، قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەش كىلومېتىر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 2024 - يىلى، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن ساقچىلار ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى باھالاشنى قانات يايدۇردى، شۈ چىڭ يېتەكلىگەن قوشۇن ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى.

جۇ يىڭنىڭ پامىر ئېگىزلىكىگە تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى. ھەپتە ئاخىرىدا، شۈ چىڭ جۇ يىڭنى ئېلىپ ئۇنىڭغا قار كېچىپ چېگرانى چارلاشنى ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر پارچە تاش تېپىپ، ئارزۇسى ۋە ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، ساقچىخانا ھويلىسى ئىچىدىكى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش سۆز قالدۇرۇش تېمىغا ئورناتماقچى بولدى.

چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش سۆز قالدۇرۇش تېمىغا نۇرغۇن تاشلار قويۇلغان بولۇپ، ھەربىر پارچە تاشقا بىر جۈملە سۆز ۋە خەلق ساقچىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، بىر تۈركۈم يېڭى ساقچىلار چېگرا چارلاش جەريانىدا تاشلارنى تېرىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە دېمەكچى بولغان گېپىنى يېزىپ، تامنىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ قويغانىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تاشلار كۆپىيىپ تام ھاسىل بولغانىدى.

بۇ قېتىم ئېرىگە ئەگىشىپ چېگرا چارلاشقا چىققان جۇ يىڭ چېگرا چارلىغۇچى خەلق ساقچىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەتەننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن شۈ چىڭغا: «سىز چېگرانى قوغداڭ، مەن ئائىلىمىزنى قوغداي، كېيىنكى ئۆمرۈمدە مەن سىزنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكىڭىز بولىمەن» دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ چېگراسىدا ساياھەتنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى ۋاخان كارىدورىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ «داكا» قىلغىلى كەلدى. 2023 - يىلى، ساقچىخانا 3 - ئەۋلاد گازارمىنى قىزىل تەربىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىلگىرى ئىشلەتكەن جابدۇق، ئاپتوموبىل، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ياتاق، كونا سۈرەت قاتارلىق ئەتىۋارلىق تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلدى، ھەم ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى چېگرانى قوغداش تارىخىنى چۈشىنىش، چېگرانى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ قىزىل تەربىيە بازىسى بىردىنلا داڭ چىقىرىپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى، سۆز قالدۇرۇش تاختىسىغا تەسىرات يېزىلغان باغاقچىلار چاپلاندى. 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بېيجىڭلىق بىر ئايال ساياھەتچى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىپ: «سىلەر ياشلىق باھارىڭلار ۋە ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى قوغدىدىڭلار، سىلەر قەھرىمان، سىلەر نەمۇنە» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.