تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدا جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتتىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى

  4-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تور بېكىتى «جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلارنى قوغداش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى 90 مەھسۇلاتنى جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلات قىلىپ بېكىتتى ھەم قوغداشنى يولغا قويدى، شىنجاڭدىن تۆت مەھسۇلات تىزىملىككە كىردى.

  تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن مەھسۇلات ئايرىم-ئايرىم ھالدا جىڭ ئالقىتى، چىرا چىلىنى، باغراش لازىسى، قورغاس ئۈستىقۇددۇسى ئىكەن.

  جىڭ ئالقىتى. سۈرەتنى بورتالا ئوبلاستى نۆل ئارىلىق تەمىنلىگەن

باغراش ناھىيەسىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان، ماتېرىيال سۈرەت)

جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلات ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئۇچۇرى (شىنجاڭ قىسمى). جەدۋەل\ دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تور بېكىتى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ رايون داڭلىق ماركىسىنى پائال يارىتىپ، رايونلار ھەمكارلىقى ۋە قائىدىسىنى ئىلتىماس قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاپپاراتلارنى تاللاپ باھالاش ئارقىلىق مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە قوغداش ئۈلگە رايونى، كۆرگەزمە سارىيى ۋە ھېس قىلىش سارىيى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  2024-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭدا جۇغراپىيەلىك بەلگىدىن 152سى بار بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 40ى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلات، 112سى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان تاۋار ماركىسى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.