تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھار كۈنلىرىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىدە چېچەكلەر بىلەن رومانتىك ئۇچرىشىش

    4-ئايدا باھار پەيزىگە چۆمگەن غۇلجىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇشلار سايراپ، چېچەكلەر خۇش پۇراق چېچىپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. غۇلجا شەھىرىنىڭ قارا دۆڭ يېزىسى دۇڭچېڭ بۆلەك رايونىغا كەلسىڭىز، خۇددى ئاجايىپ گۈزەل باھار مەنزىرىسى ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولىسىز. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاشئالما چېچەكلىرى سۇس ھال رەڭ ئەڭلىككە ئوخشاش ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا نامايان بولۇپ تۇراتتى، سۇس-قېنىق رەڭدە ئېچىلغان چېچەكلەر ئاسماننى قاپلىغان شەپەقتەك ئىنتايىن گۈزەل ئىدى.

    ھەر خىل رەڭدىكى گۈل-چېچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، مەيىن شامالغا جور بولۇپ، تەبىئەت رەڭدار تۈسكە كىرگەنىدى. ئاھالىلەر ئاستا قەدەملىرى بىلەن چېچەكلەر ئارىسىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى؛ ئاپتوموبىللار ئاستا يۈرۈپ، خۇددى گۈل دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ يەردە تۇرمۇش رەڭگارەڭ گۈل-چېچەكلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، باھارغا خاس رومانتىكلىقنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى.

(رېژىسسور: شى ۋېنجۈەن،  ئوپېراتور: ليۇ چۇنخۇا)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.