تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] «ئالما ھىدى»دىن غۇلجىنى ئىزدەش

 ئاپتور: شاۋ جېنتۇڭ

  شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسى باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدىغان جاي. 4-ئاينىڭ باشلىرىدا، غۇلجا شەھىرىدە ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ، يېشىللىق ۋە گۈل-چېچەككە پۈركەندى.

«قىزىل تۇمشۇق ياۋا غاز ئۇچۇپ كەلسە، قومۇشلار شامالغا جور بولۇپ يەلپۈنىدۇ»، «ئالما ھىدى»دىكى غۇلجا دەل مۇشۇنداق.

   كوردىنات: ئالتە شۇئار كوچىسى

    لاڭ گېنىڭ «ئالما ھىدى» ناملىق ناخشىسى ئالتە شۇئار كوچىسىنى يەنە بىر قېتىم قىزىتىۋەتتى، «بايان كۈيى»نى بويلاپ ماڭدىم، «ئالېكساندرا بولكىخانىسى»نى تاپالمىدىم، لېكىن «گۈلەندەم» دۇكىنىدا ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، قەدىمكى ئۇسۇلدا ياسالغان ماروژنىنى يېدىم. ئالتە شۇئار كوچىسىنىڭ قىياپىتىنى «رەڭگارەڭ» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ. سىرتقى تېمىنىڭ رەڭگى گۈزەل ۋە ئوچۇق بولۇپ، ئۇچلۇق بالىخانا، ياغاچ ئۆي كارىدورى، ئەگمىسىمان دېرىزە بالداقلىرى گىرەلىشىپ نامايان بولىدۇ. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ئاشخانا، ۋاڭخۇڭ مەيخانا، قەھۋەخانا ۋە سۈرەتكە تارتىش سارىيى ياشلارنى داكا قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. بۇ يەر كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان ئىخچام كۆرۈنۈش.

  كوردىنات: قازانچى

    ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى كوچىلار، رەڭدار پۇقرالار تۇرالغۇسى، قولدا ياسالغان بۇيۇملار، قازانچىغا كەلگەندە قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ھۇزۇرلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن، «خادىك»قا ئولتۇرۇپ ئات تۇيىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماسلىق ئازراق ئەپسۇسلىنارلىق بولسىمۇ، لېكىن دەرۋازىدا «ياۋا كەپتەرلەرنىڭ پەرۋاز قىلىشى»نى كۆرەلەيسىز، كوچا ئېغىزىدا «كۆپكۆك ھويلا تېمى»نى تۇتالايسىز، «ھاياتىڭىزدىكى ھويلا»نى ئىزدەپ، ئاددىي-ساددا خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلالايسىز.

   كوردىنات: خوۋتەن سۇلۇق يەر باغچىسى

    بۇ يەر ئىلگىرى بىر سازلىق ئىدى، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى باغچىسىغا ئايلاندى، قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدىن راھەتلىك ھېس قىلىدىغان سالقىن جاي ھېسابلىنىدۇ. كۆل سۈيى سۈپسۈزۈك، كۆلدە قومۇشلار بۈك-باراقسان ئۆسكەن، كۆل بويى ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان. ئېگىز ئاق تېرەك ئېتىكىدە كۈركۈم گۈلى ئېچىلىپ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، قىرغاقتىكى يېشىللىق شاپتۇل چېچەكلىرىگە تۈس قوشىدۇ. چۆمگەك چۆل ئۆردىكى، يېشىل باش ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ئۈزۈپ يۈرىدۇ. توساتتىن سۇدىكى «پولتۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، بىر قۇندۇز بېشىنى چىقىرىپ يەنە كۆلگە شۇڭغۇپ كەتتى. ئېكولوگىيە ئىناقلىقى ياۋايى ھايۋانلارنى بۇ جايدا ماكانغا ئىگە قىلدى.

    
  كوردىنات:  ئىلى دەرياسى ساياھەت مەنزىرە رايونى

    غۇلجىغا كەلگەندە، ئىلى دەرياسىنى چوقۇم كۆرۈش كېرەك. ئىللىق پۇراق ئىلى دەرياسى بويىنى قاپلايدۇ، تال چىۋىقنىڭ سۇس يېشىلى، قارىداننىڭ ئوچۇق سېرىق رەڭگى، شاپتۇل چېچىكىنىڭ ھال رەڭگى دەريا قىرغىقىغا تۈس قوشىدۇ. ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن ئىككىنچى كۆۋرۈك يىراقتىن قارىشىپ تۇرىدۇ، خۇددى تارىخ بىلەن ھازىرقى زامان سۆزلىشىۋاتقاندەك. «يايلاق، دەريا جىلغىسى، ئەتىرگۈلنىڭ خۇش ھىدى، ھەممىسى مېنىڭ ناخشام». دەل بۇ يەردە 39-نۆۋەتلىك جۇڭگو . چىنخۇەي پانۇس سەيلىسى ۋە 2-نۆۋەتلىك ئىلى دەرياسى پانۇس سەيلىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، «يېقىشلىق بوستانلىق» بىلەن «گۈزەل بوستانلىق» بىر مەقسەتتە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئورتاق بايان قىلدى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى  

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.