مۇھىم ئەسكەرتىش
كېلەر ھەپتە خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ
2025-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا
4-ئاينىڭ 27-كۈنى(يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ
5-ئاينىڭ 1-كۈنى(پەيشەنبە)دىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى(دۈشەنبە)گىچە
جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ


ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار ھەقسىز قاتنايدۇ
گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار تەستىقلاپ تارقاتقان مۇھىم، چوڭ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(گوۋۇيۈەن تارقاتقان (2012) 37-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقىت دائىرىسى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدە بولىدۇ.
ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى، يەنى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 24كىچە، بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللار(ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ھەق ئېلىنىدىغان كۆۋرۈك ۋە تونېللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ. 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، نورمال ھەق ئېلىش ئەسلىگە كېلىدۇ.
سەپەرگە چىقىش پىلانى بار دوستلار بۇياققا قاراڭلار
«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش كالېندارى كەلدى

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى