4-ئاينىڭ 15-كۈنى، 2025-يىللىق رۇەنكې جۇڭگودىكى داشۆلەرنىڭ رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىكى 16 ئالىي مەكتەپ تىزىملىككە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئالىي مەكتەپ ئاساسىي تىزىملىككە كىردى، بەش ئالىي مەكتەپ يەككە پەن تۈرىدىكى داشۆلەر قاتارىغا كىردى.
بۇ يىلدىكى داشۆلەر رەت تەرتىپىدە، شىنجاڭ داشۆ بىلەن شىخەنزە داشۆدىن ئىبارەت «قوش 1-دەرىجىلىك» ئىككى ئالىي مەكتەپ بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 200 مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 127-ۋە 140-ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى 500 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئالىي مەكتەپلەردىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى(299-ئورۇندا)، تارىم داشۆ(318-ئورۇندا)، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى(335-ئورۇندا) ۋە ئىلى سىفەن داشۆسى(491-ئورۇندا) قاتارلىقلار بار.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، 2025-يىللىق رۇەنكې جۇڭگودىكى داشۆلەرنىڭ رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىكى 16 ئالىي مەكتەپ بۇ تىزىملىككە كىردى.
سۈرەتنى رۇەنكې شىركىتى تەمىنلىگەن
تېببىي دورا تۈرىدىكى داشۆلەر ئىچىدە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مەملىكەت بويىچە 25-ئورۇندا تۇردى؛ مالىيە-ئىقتىساد تۈرىدىكى داشۆلەر ئىچىدە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى 37-ئورۇندا تۇردى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى